​يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026-04-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز بورتالا ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى نەق مەيداندا كۈتۈۋالدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، بورتالا، 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى نەق مەيداندا كۈتۈۋالدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ئارقىلىق قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئومۇمىيىتىگە تۆھپە قوشۇش كېرەك.

جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالاتاۋ ۋوگزالىدا، ئەركىن تۇنىياز 1 - پەسىللىك تۆمۈريول پورتىنىڭ مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ جۇڭگو يادرو سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالاتاۋ تەبىئىي ئۇران باجدىن خالىي ئىسكىلاتىدا، قۇرۇلۇش، يۈرۈشتۈرۈش ۋە سودا ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ ئالاتاۋ تيەنماشىڭ ئوقەتچىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە، «باجدىن خالىي ئارىلاشما كان» كەسپىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالاتاۋ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، چېگرا ھەمكارلىق رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، ئىمپورت - ئېكسپورت پىششىقلاش سودىسى كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ گىرەلەشمە ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يول ئىقتىسادىنىڭ تۈگۈن ئىقتىسادىغا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

بورتالا ئوبلاستلىق مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى ۋە رەقەملىك بورتالا ئوبلاستى قۇرۇلۇش - يۈرۈشتۈرۈش چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز 12345 خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايون تەڭشەپ يولغا قويغان بىر تۈركۈم مەمۇرىي ھوقۇقنى قوبۇل قىلىپ، ياخشى ئىشلىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىدىكى قولايلىق دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز بىيادى 4Sدۇكىنىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئاپتوموبىل سېتىش، «دۆلەت ياردەم پۇلى» سىياسىتى قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تاۋار ئىستېمالىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت ئىستېمالى تەمىناتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ھەقىقىي ئەلالاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئەركىن تۇنىياز ئەرز ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى نەق مەيداندا كۈتۈۋالدى، كونا ئولتۇراق رايونلارغا لىفىت ئورنىتىش ئىشلىرىنى چۆرىدەپ ھەل قىلىش لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىلىرىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش خىزمىتىنى سىجىل كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

بورتالا شەھىرى چىندېل كوچا باشقارمىسى دۇڭفاڭخۇڭ مەھەللىسىدە، ئەركىن تۇنىياز «قىزىل گالىستۇك دەرسخانىسى»، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزلۈك خەۋەر ئېلىش مەركىزىگە كىردى ھەم ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق «ياشانغانلار، بالىلار» ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئىناق بىللە ئۆتىدىغان بەختلىك ماكان بەرپا قىلىش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: بورتالا ئوبلاستى ئېشىش نۇقتىسى، بۆسۈش نۇقتىسى، تىرەك نۇقتىسىنى يەنىمۇ دەل جايىدا تېپىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆز ئەۋزەللىكىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.