باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كۈچى قوشۇش كېرەك

2026-05-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملۇقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كۈچى قوشۇش كېرەك

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي،ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق، ئىلمىي تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش، قىممەت يۈزلىنىشى ۋە ئىلمىي يېتەكچىلىكنى پۇختا ئىگىلەپ، دىققەتنى جۇڭگونىڭ سوئالى، دۇنيانىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالى، دەۋرنىڭ سوئالىغا تېخىمۇ ياخشى جاۋاب بېرىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئالدىن كۆرەرلىك، سىستېمىلىق، تەدبىر خاراكتېرلىك تەتقىقاتنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكى، ئىلمىي چوڭقۇرلۇقى، سىياسەت ھارارىتى، ئەمەلىيەت سالمىقى بار بىر تۈركۈم نەتىجىلەرنى تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، «چوڭ ئىجتىمائىي پەن» خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازا قۇرۇلۇشى، تۈر خىراجىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىجتىمائىي پەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»دا دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسىغا ئالاقىدار يىرىك پىلان مۇھاكىمە قىلىندى ۋە قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش، چېگرا رايوننى ئەمىن تاپتۇرۇش، چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، ئىناق ئەتراپ مۇھىتى يارىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا يارىتىشنى مۇھىم تارىخىي پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇش ۋە كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال كېڭەيتىپ، كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىش، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى، ئامىل كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىگە تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.