ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۆتۈشمە تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى تېخىمۇ زور سالماق ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سېلىنمىنى كېڭەيتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا سىڭىشىشنى تېزلىتىپ، تاشقى ئىقتىساد - سودا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا تېخىمۇ زور رول ئويناش كېرەك. ھۆكۈمەت قەرزى، ئۆي - زېمىن، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تۆۋەن چەكنى ھەقىقىي تۈردە چىڭ ۋە پۇختا ساقلاش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، داۋالىنىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 25 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «يەتتىدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «پارتىيە كومىتېتى بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئىشتىن ئىلگىرى ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئاپەت خەۋپ - خەتىرىنى سىستېمىلىق رەتلەپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ خاراكتېرلىك تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن ساقلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەش، قار ئېرىش تىپىدىكى كەلكۈن، بوران، چاڭ - توزان قاتارلىق ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئاساس تەتقىقات ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، دىققەتنى شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يۆنىلىش ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساس تەتقىقات، قوللىنىش، ئېچىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشتىكى يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا بىلەن مائارىپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساس تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى زورايتىپ، كۆپ خىل تىرەك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساس تەتقىقاتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلىنى پۇختىلاش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تېز يۈكسىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خۇنەن چاڭشانىڭ ليۇياڭ شەھىرىدىكى بىر ساليۇت زاۋۇتىدا يۈزبەرگەن پارتلاش ھادىسىسى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى، تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى يېڭىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پوجاڭزا - ساليۇت ۋە خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ساھەسىدە «قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارنى تۈزەش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پوجاڭزا - ساليۇت ئامبار زاپىسىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، سېتىش، توشۇش، ئېتىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىكى يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك كان، يول قاتنىشى، ئوت ئۆچۈرۈش، ساياھەتچىلىك قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنىڭ كەسىپچانلىقى ۋە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەر يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تۈزىتىش - تۈزەشنى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىش، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭى، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش - تۈزەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. نىشانلىق كۈچەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاشكارا تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈزىتىش - تۈزەشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدىن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاپلىشى ۋە خىزمىتىنىڭ قاپلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى يېڭى» تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك جەمئىيەت توپلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ساھەلىرىدە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.