ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
تېخىمۇ يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، غەربكە ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك ئېچىۋېتىش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يول ئىقتىسادىنىڭ تۈگۈن ئىقتىسادىغا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشى، يول قۇرۇلۇشى، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشى ھەم «تىيانشان ناملىق» كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت داڭلىق ماركىسىنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشى، جۇڭگو - قازاقىستان خەلقئارا سودا ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ بۇرۇنداي تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تىجارەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆلچەم ۋە تەلەپكە توغرىلىنىپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يىغىلىش تۈگۈنىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ مال مەنبەسىنى ھەقىقىي تۈردە توپلاش، گۇرۇپپىلاش ۋە يولغا سېلىش كېرەك. مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ئۆز رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كەسىپ بىلەن سودا ھەمتۈرتكە بولۇشنى پۇختا ئىشلەپ، تاشقى سودا، پىششىقلاش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، «ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا ئارقىلىق كەسىپلەرنى توپلاش»تىن ئىبارەت ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۈن جيەن ئوتتۇرىغا قويغان «پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۈگۈن ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نىڭ بېجىرىلىشىگە نەق مەيداندا نازارەتچىلىك قىلدى. ئەركىن تۇنىياز خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ توغرا تونۇش ۋە ئېنىق چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بېجىرىشى، ئۈنۈملۈك بېجىرىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىشنى پۇرسەت بىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسەت ئۈنۈمىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئەستايىدىل ھەل قىلىش كېرەك. زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ توپى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات چارىسىنى قوللىنىپ ئەشيا ئوبوروتىنى تەشكىللەش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «سىياسەت كۈچ بېرىش» ۋە «ئىسلاھات كۈچەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «سىياسىي نەتىجىنى كىم ئۈچۈن يارىتىش، قانداق سىياسىي نەتىجە يارىتىش، سىياسىي نەتىجىنى نېمىگە تايىنىپ يارىتىش»نى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، دىققەتنى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارنى يېنىك جابدۇنۇپ ئاتلىنىش، تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.