چېن شياۋجياڭ بايىنغولىن ئوبلاستىغا بېرىپ مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشتىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىگە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلدى
مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى قاتتىق، ئەمەلىي، ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل - كېسىل ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كېرەك

5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشتىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتىگە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلدى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ باغراش ناھىيەسىدە باغراش كۆلى بەيلۇجوۋ قار تېيىلىش مەيدانى مەسىلىسىنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، كورلا، 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشتىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، تۈزىتىش خىزمىتىگە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، نازارەت قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ۋە تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ باغراش ناھىيەسىگە بېرىپ، باغراش كۆلى بەيلۇجوۋ قار تېيىلىش مەيدانى مەسىلىسىنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلدى ھەم ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، تارىخقا، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل، كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، تەدبىرلەرنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى، ئاممىنىڭ رازى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، باغراش كۆلىنىڭ زۇمرەتتەك سۈزۈك سۈيىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىت ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىش كېرەك. كورلا شەھىرىدە، چېن شياۋجياڭ ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئالاقىدار كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم يېتەكچىلىك قىلدى، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ مۇھىت ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق تاپىلىدى: كارخانىلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پۈتۈن زەنجىر بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى كېرەك.
چېن شياۋجياڭ بايىنغولىن ئوبلاستى ھەم ئۇنىڭغا قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، نازارەت قىلىش - تۈزىتىش ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا دوكلات بەردى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشنىڭ سىياسىيۋىلىكى، كەسكىنلىكى ۋە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا رازى بولغۇدەك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك. مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل - كېسىل تۈزىتىپ، مەركەز نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بايقىغان ۋە كۆرسىتىپ بەرگەن مەسىلىلەر، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرگە قارىتا، تۈرمۇتۈر تىزىملىك تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، تۈزىتىش تەدبىرى، تۈزىتىش ۋاقىت چېكى، مەسئۇل ئورۇنلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەسىلىلەرنى جايىدا تۈزىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، «ھازىر تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈپ، ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەر ۋە تەكرار كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسىنى چوڭقۇر قېزىپ، سىستېمىلىق تۈزەپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىر مەسىلىنى تۈزىتىش، بىر تۈردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، بىر يۈرۈش تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۈزىتىش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، قاراشلىق جايدىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، «پارتىيە كومىتېتى بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، تارماق، ساھەلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قانۇن بويىچە قاتتىق تۈرتكە بولۇپ، ساختا تۈزەتكەنلەر، ئەپلەپ - سەپلەپ تۈزەتكەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، تۈزىتىش نەتىجىسىنىڭ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، قانۇنچىللىق يولىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى ئالغا سىلجىتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، مۇھىت قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ماس ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ھەيدەكچىلىك - يېتەكچىلىك قىلغان مەزگىلدە، چېن شياۋجياڭ كورلا شەھىرى سايباغ كوچا باشقارمىسى ساقچىخانىسىغا كېلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئامانلىق بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، خىمىيە سانائىتى ۋە توقۇمىچىلىق، گۈل بېسىش - بوياش كارخانىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەسىپ تەرەققىياتى، تۈر قۇرۇلۇشى، بىخەتەرلىك، مۇھىت قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. تەرەققىياتنى تۇتۇپ، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى تېخىمۇ زور سالماق ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد چوڭ ئوبلاستى بولۇش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ھەقىقىي تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تۈزىتىش جەھەتتە سىجىل كۈچەشكە يېتەكلەپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش كېرەك.
قادېن كەبىن پائالىيەتكە قاتناشتى.