مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، بېسىمنى ئاشۇرۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2026-05-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، بېسىمنى ئاشۇرۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، كورلا، 5 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىن 4 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسى، كۇچا شەھىرى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى، كورلا شەھىرىگە كېلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم كۇچا شەھىرىدە يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى سىنلىق ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاڭلىق ھالدا مەركەزنىڭ كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش بىلەن توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، بېسىمنى ئاشۇرۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شىڭفا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتى، ئەنخېڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، پەن - تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كارخانىنى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، كۈچەپ زەنجىرنى ئۇزارتىپ، زەنجىرنى تولۇقلاپ، زەنجىرنى كۈچەيتىپ، شۇ جايدىكى تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئەركىن تۇنىياز قۇمتۇرا مىڭئۆيگە كېلىپ، غار، تام رەسىملىرى قاتارلىقلارنى قوغداش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم: تاش ئۆڭكۈرى ئىبادەتخانىسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. كۇچا شەھىرىنىڭ رەستە ساياھەت - ئىستىراھەت كوچا رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز كېچىلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، تىجارەتچىلەر، ساياھەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزگىچە كۆرگەزمە ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ئىقتىدار، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى كۆرۈنۈش بەرپا قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ خاسلاشقان، كۆپ خىللاشقان ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

لوپنۇر ناھىيەسى تارىم دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى لوپنۇر كەندىرى ئۆستۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، بايىنغولىن ئوبلاستى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش پونكىتى تەجرىبە بازىسىدا، ئەركىن تۇنىياز پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىلمىي قۇم تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كۆپ خىل شەكىلنى قوللىنىپ، «يېشىل شارپا»نىڭ كەڭلىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنى ئاممىنىڭ مەنپەئىتى بىلەن باغلاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇم تىزگىنلەش بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز كورلا شەھىرى ئۆي جاھازلىرى قۇراشتۇرۇش كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم سۈپەت ئۆتكىلىنى ياخشى تۇتۇپ، تەشۋىق قىلىش - ماركېتىڭنى كۈچەيتىپ، داڭلىق ماركا يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. بايىنغولىن ئوبلاستى خەلق ئىشلىرى پاراۋانلىق باغچە رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز ياشانغانلار ۋە بالىلارنى يوقلىدى، ياش پىدائىيلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، كۆپچىلىكنىڭ 4 - ماي ياشلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى ياشانغانلار، بالىلار ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل بۆلۈش، يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ئاممىنىڭ يېنىغىچە يەتكۈزۈش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: مۇقىملىقنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يەر تەۋرەش، ئورمان - ئوتلاق ئوت ئاپىتى قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنى چۆرىدەپ، خەۋپ - خەتەر بويىچە ھۆكۈم قىلىش، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش - ئالدىن سىگنال بېرىشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. ئېشىش نۇقتىسى، بۆسۈش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئارقىلىق مەركەزنىڭ كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ۋاقتىدا، سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا جايىدا تۈزىتىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاپ، خىزمەت ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاپ، تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.