شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چۈ دۇڭيۈ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئەركىن تۇنىياز چۈ دۇڭيۈ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قارشى ئالدى، ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ئىدارە قىلىش، دۇنيانىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىجابىي تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا «مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى» بولۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى بېكىتىپ بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز بۇ ئورۇن بېكىتمىسىنى نىشانلاپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى سىجىل كۈچەيتتۇق، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش، يېشىل يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، خەلقئارا بىنەم تېرىقچىلىقى بويىچە يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ھەم جۇڭگو، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمىز.
چۈ دۇڭيۈ شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا ئىگىلىك تاشقى ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ياخشى ئاساسقا ئىگە، ئاشلىق، پاختا، باغ - ئورمان كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك. كەلگۈسىدە شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بولۇپمۇ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
جاڭ يىڭچۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىدىكى ئالاقىدار خادىملار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.