پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك

2026-05-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، سۆھبەتلەشتى

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك

5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات ئورنىغا كېلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلىدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پەن - تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ داشۆنىڭ ئۆلكە - مىنىستىرلىق ئورتاق بەرپا قىلغان كاربون ئاساسىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقى خىمىيەسى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىغا كېلىپ، تەتقىقات يۆنىلىشى، تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تاپىلىدى: دۆلەت دەرىجىلىك پەن تەتقىقات سۇپىسىنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق ئېھتىياجغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم پەن - تېخنىكا تۈرلىرىنى دەل جايىدا، يىغىنچاقلاپ يولغا قويۇپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتىدە پەن - تېخنىكا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم پەن - تېخنىكا ئىستراتېگىيەسى ۋە سىياسەت، نەزەرىيە تەتقىقات سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى، يەنە ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.

ئارقىدىن، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ ئاساس تەتقىقات ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكنى قوغداش قاتارلىق يۆنىلىشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساس تەتقىقات سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت، سېلىنما قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىجادىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نەزەرىيە تىرىكى ۋە پەن - تېخنىكا مەنبەسى تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجغا مەركەزلەشتۈرۈپ قوللىنىش تەتقىقاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، كېلەچەك كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ پەن تەتقىقاتقا كۈچ قوشۇشىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى قۇرۇپ، ماسلىشىپ تەتقىق قىلىش ۋە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلار ئاساسىي گەۋدە، بازار يۆنىلىش قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تىرەك بولۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش - قوللىنىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاساس تەتقىقات، قوللىنىش - ئېچىش، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشتىكى يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ تېزدىن رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ ئۈنۈملۈك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باھالاش سىستېمىسى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەيدىغان، بىلىمنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭدا خاتىرجەم تەتقىق قىلىش، دادىل ئىجاد قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىپ، مالىيە پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى مۇقىم ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پەن - تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ئارقىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

قادېن كەبىن پائالىيەتكە قاتناشتى.