يۇقىرى سەۋىيەلىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2026-05-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

يۇقىرى سەۋىيەلىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا كېلىپ، ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى پۈتۈن رايون باشقۇرۇش - تىزگىنلەش مەركىزىدە، ئايرودۇرۇمنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، ئاقىل ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا كېلىپ ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى پۈتۈن رايون باشقۇرۇش - تىزگىنلەش مەركىزىگە كېلىپ، ئايروپورتنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، مۇنارغا چىقىپ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا قوماندانلىق قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئېقىم مىقدارىنى تەڭشەش - تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاقىل ئايروپورت قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، قاتناش قاتارلىق تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىكى مەسئۇل يولداشنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى تاماملىغان يولۇچى توشۇش مىقدارى 186 مىليون 935 مىڭ ئادەم قېتىمغا، يۈك - پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 1 مىليون 208 مىڭ توننىغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2025 - يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى ۋە يۈك - پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارىدا «قوش بۆسۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئايرىم - ئايرىم 54 مىليون 73 مىڭ ئادەم قېتىم ۋە 403 مىڭ توننا تاماملىنىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم12.4،34.1 ئاشقان. بۇ يىل 1 - پەسىلدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان يولۇچى توشۇش مىقدارى 12 مىليون 525 مىڭ ئادەم قېتىم، يۈك - پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 78 مىڭ توننا بولۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى سىجىل نامايان بولغان.

چېن شياۋجياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى نىشانلاپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ گۈزەل ئاۋىياتسىيە سەپىرىگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى ئىقتىدار سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ھاۋا يىپەك يولى»نى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئاۋىياتسىيە جەھەتتىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىرتقا تۇتاشقان، ئىچكى جەھەتتە راۋان بولغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يولى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، «ئاۋىياتسىيە + زامانىۋى كەسىپ»نىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، دىققەتنى نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئايروپورت ئەتراپى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، سەرخىل ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى بەرپا قىلىپ، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ئايرودۇرۇملارنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى بىلەن باشقا قاتناش - تىرانسپورت شەكلىنىڭ ماس يۈرۈشۈشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىۋېرسال كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاقىل ئاۋىياتسىيە قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق ئىشلەپچىقىرىش - يۈرۈشتۈرۈشنى تەشكىللەش ۋە بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.