شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 20 - نۆۋەتلىك مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسى يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇردى. 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، نازارەت قىلىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى فېڭ جېڭلىن نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا سۆز قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ كىرىپ ئورۇنلىشىش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك قىلدى.
فېڭ جېڭلىن مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشتا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇمىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. 2025 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، «يېشىل تەرەققىيات − جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن خاسلىقى. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى باشلامچى قىلىپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، يېشىل تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى يېشىل تەرەققىيات ساھەسىدىكى پىكىر يولى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، ئۆزى تۈرتكە بولغان مۇھىم تۈزۈلمە ئىجادىيىتى ۋە مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرى، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىر ۋە تۈزۈم كاپالىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ نازارەت قىلىشنىڭ ھەربىر ئاچقۇچلۇق ھالقىسى، ئاچقۇچلۇق پەيتىدە رول تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇقلارنى بېرىپ، نازارەت قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم تەكىتلەپ: پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ ھالقىلىق تۇتقىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا دائىر تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك، دېدى. زۇڭلى لى چياڭ، مۇئاۋىن زۇڭلى دىڭ شۆشياڭمۇ نازارەت قىلىش خىزمىتىگە قارىتا كۆپ قېتىم ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشقا، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
فېڭ جېڭلىن مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، «ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى نىزامى»نى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك.
نازارەت قىلىشتا، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە قانۇن - نىزاملارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى يۇقىرى، بىر تۆۋەن» تۈرلەرنى قارىغۇلارچە يولغا قويۇشنى قەتئىي توسۇش ئەھۋالى؛ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقى قۇرۇلۇشى، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جايلارنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى بويىچە باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ياۋايى قۇش تۈرىدىكىلەرنى قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللار؛ مۇھىت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈشى، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئەھۋالى، قاتتىق تاشلاندۇق، بولۇپمۇ خەتەرلىك تاشلاندۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، ئېغىر مېتالغا دائىر بۇلغىنىشنى تۈزەش ئەھۋالى؛ نازارەت قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم قۇرۇلۇشى ئەھۋالى؛ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىلىرى ھەم ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى؛ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش» ۋە «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش»نى ئالغا سىلجىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.
فېڭ جېڭلىن يەنە نازارەت قىلىشقا ماسلىشىش، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش، ئۇچۇر ئاشكارىلاش، دەل جايىدا، ئىلمىي، قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئىنتىزام تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، نازارەت قىلىنىۋاتقان جايلارنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىشى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان «سىياسىي جەھەتتىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ۋە «خىزمەت جەھەتتىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش». بىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم تەكشۈرۈش تۈرى قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. نازارەت قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، ماسلىشىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەلىپىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، مەنبەدىن باشلاپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار خادىملار، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ، بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلەرنىڭ پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلىرىدىكى رەھبىرىي يولداشلار سىنلىق يىغىن شەكلىدە يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش 7 - گۇرۇپپىسىنىڭ كىرىپ ئورۇنلىشىپ نازارەت قىلىش ۋاقتى بىر ئاي بولىدۇ. كىرىپ ئورۇنلاشقان مەزگىل (2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگىچە)دە تەسىس قىلىنغان مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 6072656 - 0991، مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى A454 نومۇرلۇق پوچتا خەت ساندۇقى. نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 10:00دىن 22:00گىچە بولىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپى ۋە نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە كەلگەن خەت - چەك، تېلېفون ئارقىلىق قىلىنغان ئەرزىيەت - پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىدۇ، قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدىغان باشقا ئەرزىيەت - پاش قىلىش مەسىلىلىرىنى نازارەت قىلىنىۋاتقان جايلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.