ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ قېزىلما بايلىق جەھەتتىكى «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش تەرەققىيات يىرىك پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق نۇقتىلىق كەسىپلەر ھەم يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كېلەچەك كەسىپلەر تەرەققىياتى يىرىك پىلانى مۇھاكىمە قىلىندى، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر سىياسەت - تەدبىر قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئېنېرگىيە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش - پىششىقلاش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئېنېرگىيە كەسىپ توپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم كۈچكە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىكى پۇختا تىرەككە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق كاپالىتى يادرولۇق رايونى ۋە داۋاملاشما رايونىنى قۇرۇش كېرەك. يېشىل چارلاش - قېزىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كانچىلىق ساھەسىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش ۋە باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، ماس ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، بايلىق ئېچىشنىڭ پايدىسىدىن شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش، يۇغۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە كەسىپلەر توپىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ماددىي ئاساس ۋە كەسىپ تىرىكىنى پۇختىلاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، كەلگۈسى يۈزلىنىشكە قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. يېشىل خىمىيە سانائىتى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېشىل مۇھىت قوغداش، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، نۆل كاربونلۇق كۆمۈرنى ئاساس قىلغان ئېنېرگىيە، بىيوياسىمىچىلىق ۋە بوشلۇق ئۇچۇرى قاتارلىق كېلەچەك كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ئىنچىكە ئايرىلغان ساھەلەرنىڭ كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك يۈكسەلگەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۈزۈم ھارىقى كەسپى ئاپتونوم رايوننىڭ خاس ئەۋزەل كەسپى ۋە تاشقى ئالماشتۇرۇش نام كارتىسى. خاس باغ - ئورمان كەسپىنى قوللاش سىياسىتىدىن بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى پايدىلىنىپ، ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم بازىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ پىششىقلاش ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىپ، چوڭ ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا داڭلىق ماركىلارنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىستېمال بازىرىنى پائال ئېچىپ، «ئۈزۈم ھارىقى + مەدەنىيەت - ساياھەت» ئېسىل لىنىيەلىرىنى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.