ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ 2026 - يىللىق 2 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى 2026 - يىللىق 2 - ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشى چاڭجى شەھىرىنىڭ چىنيۈەن ناھىيەسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا يۈزبەرگەن گاز پارتلاش ھادىسىسى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، زۇڭلى لى چياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى دەرھال جىددىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر، شىنجاڭ كانچىلىق كارخانىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىش جانلانغان مەزگىلدە تۇرماقتا، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى بىرقەدەر چوڭ. ئېنېرگىيە - خىمىيە سانائىتى، يول قاتنىشى، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىمۇ بەزى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەر مەۋجۇت. بۇنىڭدىن باشقا، قىيان، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن، يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەت خەۋپ - خەتىرى گەۋدىلىك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە زۇڭلى لى چياڭنىڭ تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سەنشى چاڭجى شەھىرىنىڭ چىنيۈەن ناھىيەسىدىكى كۆمۈر كاندا يۈزبەرگەن گاز پارتلاش ھادىسىسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ھەقىقىي تۈردە بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ پۇختا زىممىگە ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا تۇتۇپ، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەلەپ، ئەڭ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق، زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى تولۇق قاپلاپ، تۈرلۈك ھادىسە، ئاپەتلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كان ساھەسىدىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ۋە تۈزەپ، گاز قويۇقلۇقى چەكتىن ئېشىپ كەتسىمۇ مەشغۇلات قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قاراملىق بىلەن مەشغۇلات قىلىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. دەرھال ئاپتونوم رايونلۇق كان بىخەتەرلىكى بويىچە يار - يۆلەك بولۇش، يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تور يېيىش شەكلىدىكى، ئۆتۈشمە شەكىلدىكى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش بىلەن تولۇق قاپلاپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر، زور يوشۇرۇن خەۋپنى ھەقىقىي، دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، قەتئىي تۈردە يېپىق ھالقىسىمان تۈزەشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار بىرلىكتە قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كىنىشكىسىز قېزىش، قاتلامدىن ئاشۇرۇپ ۋە پاسىلدىن ھالقىپ قېزىش، مەشغۇلات دائىرىسىنى يوشۇرۇش قاتارلىق قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. كان بىخەتەرلىكى بويىچە ئىجازەت بېرىش شەرتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يىرىك پىلان مەنبەسىدىن شاللاپ، يوشۇرۇن ئاپەت پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ، خەتەرلىك مەشغۇلاتلاردا ماشىنا ئادەم ئىشلىتىشنى تېزلىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: نۇقتىلىق ساھەلەرگە چىڭ قادىلىپ، پۈتۈن رايوندا بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش كېرەك. ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە يول قاتناش خەۋپ - خەتىرىدىكى ئاجىز نۇقتىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ناچار ھاۋارايىدا يول تورىنى يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش ۋە قاتناشنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ چاتىقى بار ئەھۋالدا يولغا چىقىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملاردىكى زور خەۋپ - خەتەر مەنبەسىنى يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز ئىشلەپچىقىرىش، ئۆز ئالدىغا ساقلاش، ئۆز ئالدىغا سېتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پوجاڭزا - ساليۇت ئېتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. مەنزىرە رايونلىرىدىكى كۆۋرۈك، ئاپتوموبىل، كېمە، ئاسما يول، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، چاتىقى بار ئەھۋالدا يۈرۈشۈشىنى توسۇش كېرەك. شەھەر - بازارلاردىكى يېقىلغۇ گاز، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، مەكتەپ بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىش كېرەك. تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىي تۇتۇپ، دەريا توسمىلىرى، بولۇپمۇ دەريا يولىدىكى خەتەرلىك قۇرۇلۇش، خەتەرلىك بۆلەكلەرنى چارلاپ تەكشۈرۈش، مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەش بويىچە نۇقتىلىق خەتەرلىك رايونلاردىكى ئۆي ئەسلىھەلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتى زور يوشۇرۇن خەۋپىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي جەڭ خاراكتېرلىك بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «پارتىيە كومىتېتى بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» ۋە «ئۈچنى باشقۇرۇشتا ئۈچ جەزمەن بولۇش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن باھالاش، چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر مېتىر»غىچە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، مۇقىيات جارمۇقامەت، جۇ لىفەن، پەن شى يىغىنغا قاتناشتى.