ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى
رەقەملەشتۈرۈش، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە تىپ ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، گوۋۇيۈەننىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار ھۆججەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشى خىزمىتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، رەقەملەشتۈرۈش، رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش بويىچە تىپ ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇقەررەر تاللاش. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دەل جايىدا كۈچەپ، نىشانلىق جەڭ قىلىپ، رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ماسلاشقان، يۇغۇرۇلغان مەمۇرىي ئىشلار «بىر تور»ى، يېشىل، تۈجۈپىلىك مەمۇرىي ئىشلار «بىر بۇلۇت»ىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، بۇلۇت تور بايلىقىنىڭ تارقاق قۇرۇلۇشتىن تۈجۈپىلىك بىرىكتۈرۈشكە ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئاساسىنى سىجىل پۇختىلاش كېرەك. دىققەتنى مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت تۈرلىرىدە ھالقىلارنى ئازايتىش، ماتېرىياللارنى ئازايتىش، ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئازايتىش، خىراجەتنى ئازايتىش تەلىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت ئىش تۈرلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ رەتلەپ، تەرتىپنى قايتا يارىتىش، سانلىق مەلۇماتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەمۇرىي ھوقۇقنى تەڭشەش ۋە مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنىڭ تەرتىپىنى قايتا يارىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئىشلارنى دائىملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش - دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنى پائال ئىزدىنىش، ئالماشتۇرۇش - كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، «بىر جاي يېڭىلىق يارىتىش، كۆپ جاي ئۆرنەك ئېلىپ قوللىنىش»قا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى تەرەپلەر ماسلىشىش، يېپىق ھالقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتىدىغان، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، مۇقىيات جارمۇقامەت، شۆ بىن، جۇ لىفەن، قەيسەر قېيۇم يىغىنغا قاتناشتى.