دىققەتنى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مەركەزلىك تۈزەشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026-05-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

دىققەتنى نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مەركەزلىك تۈزەشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، چېن مىڭگو قاتناشتى

4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون بويىچە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈزەش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن مىڭگو قاتناشتى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان يىل. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، تەشكىللەش، سەپەرۋەرلىك قىلىش پۇختا، كۈچلۈك بولدى، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، تۈزىتىش، تۈزەش سىجىل چوڭقۇرلاشتى، بىر تۈركۈم «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەر قاتتىق جازالىنىپ، بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك تۈزىتىلىپ، مەركەزلىك تۈزەشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆلچەمنى ئۆزگەرتمەسلىك، سالماقنى كېمەيتمەسلىك، سۈپەتنى تۆۋەنلەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەزلىك تۈزەشنى ئادەتتىن تاشقىرى، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەرگە چىڭ قادىلىپ تۈزەشنى تۇتۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، يېزا كوللېكتىپىنىڭ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى باشقۇرۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى، خېرىدار چاقىرىش - خېرىدار چىقىش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ مەخسۇس تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، زور ئىرادە بىلەن كەسىپ، ساھەدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى چىڭ قادىلىپ تۈزەشنى تۇتۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش، «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈش، قاتتىق جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشكارا تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ھېس قىلىش ۋە مەنپەئەتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئەرزىيەت مەسىلىلىرىگە چىڭ قادىلىپ تۈزەشنى تۇتۇپ، ئىنكاس مەركەزلەشكەن ئادەم ۋە ئىشلارنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، «ئۈچنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرنى بىر تەرەپ قىلىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ تۈزەشنى تۇتۇپ، نۇقتىلىق دېلولار، چىگىش، مۇرەككەپ دېلولارغا قارىتا مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ھېساباتنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، دېلولارنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇش، تۈزەشكە تۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر دېلونى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش، بىر تۈردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق، بىر يۈرۈش تۈزۈمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزلىك تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش، ماسلىشىپ كۈچەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭ ئىش، مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، «بىرىنچى باشلىق» باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، قىيىن ئىشلارنى بېجىرىپ، بەنزە ئەزالىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ساھەلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى يەتكۈزۈشنىڭ جايىدا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار ئاساسلىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، شۇ دەرىجىلىكنى تۇتۇپ، سىستېمىنى يېتەكلەپ، ساھەنى باشقۇرۇپ، ئەمەلىي تەدبىر، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ ساقايماس كېسەلنى تۈگىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇپ، مەركەزلىك تۈزەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، چىڭ تۇتمىغان، ئەمەلىي تۇتمىغانلارغا قارىتا چاقىرتىپ سۆزلىشىشكە تېگىشلىكلىرىنى چاقىرتىپ سۆزلىشىشى، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ «ئاساسىي جەڭ مەيدانى»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، بايلىق كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەمتۈكلۈك ۋە ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى، ئارشاڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، مارالبېشى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى يازما سۆز تاپشۇردى.

ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ۋاڭ گاڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش ئاپپاراتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.