ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، شەھەر - بازارلاردىكى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ 2025 - يىللىق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە، مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرى بويىچە تۈزىتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەلەپ، ئەڭ ئەمەلىي ئىستىلدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزى تەكشۈرۈپ، ئۆزى تۈزىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنى قەتئىي تۈزىتىپ، «ھاياجانلىنىش شەكلىدىكى تەرەققىيات»نى توسۇشى كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭى سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى ساقلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى دەل جايىدا تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تارماقلار ماسلاشقان، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك يۇغۇرۇلغان، رايون ھالقىغان بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى يۆنىلىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇمنى تىزگىنلەپ بېيىش بىلەن يېشىللىقنى كۆپەيتىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇملۇق رايون بايلىقىدىن ئىلمىي، مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، قۇملۇق رايونىدا ئۆستۈرۈش ھەم پىششىقلاش كەسپى، ساياھەتچىلىك ھەم يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قۇم ئاپىتىنى قۇم پايدىسىغا ئايلاندۇرۇپ، قۇملۇق كەسپىنى يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە كېڭەيتىدىغان ئۇل قۇرۇلۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول نىزامى (لايىھە)» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر - بازارلارنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش نىزامى (لايىھە)» مۇزاكىرە قىلىندى ھەم پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى، ئىككى لايىھەنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى، ئاسراش، مۇلازىمەت قىلىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ يۇغۇرۇش، بىخەتەرلەشتۈرۈش بويىچە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېشىللاشتۇرۇپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلققە قولايلىق بولغان مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «يېڭىلىق يارىتىلغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، گۈزەل، ئەۋرىشىم، مەدەنىي، ئاقىل» زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرى تەرەققىيات نىشانىغا سېلىشتۇرۇپ، دىققەتنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ساھەسىدىكى ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ شەھەر - بازارلىرىنىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.