ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دائىملاشقان دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇشنى ياخشى ئىشلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يار - يۆلەك بولۇش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھازىر بار بولغان يار - يۆلەك بولۇش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى، خىزمەت سىستېمىسى، سىياسەت سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دائىملاشقان دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوبيېكتلىرىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئارىلىشىش، بالدۇر يار - يۆلەك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەرەققىيات ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زورايتىپ، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يار - يۆلەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»دا ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشقا ئالاقىدار يىرىك پىلانى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە قاراپ چىقىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قويۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش سىياسەت، تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كۈچى قوشۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق ئېچىۋېتىش سۇپىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش چوڭ يولىنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ئاسمان، تور»نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، سىرتقا يۈزلەنگەن كەسىپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پورت ئىقتىسادىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىش ۋە كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى جەھەتتىكى مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈش - ئېچىشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيەنى سىرتقا يەتكۈزۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ تىپىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپقا ئۆزگەرتىپ راۋاجلاندۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەركەز كارخانىلىرى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان كەسىپ ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئەلا سۈپەتلىكلەشتۈرۈش ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك پىششىقلاش كەسپىنى پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، داڭلىق ماركا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سېتىش بازىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تىرىكىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.