2 - پەسىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە خۇنەن چاڭشانىڭ ليۇياڭ شەھىرىدىكى بىر ساليۇت زاۋۇتىدا يۈزبەرگەن پارتلاش ھادىسىسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەتقىق قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ئېنىق كۆرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئېنىق كۆرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ 2 - پەسىلدە ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە ۋەزىپىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق كۆرسەتكۈچ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ساھە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئۆتۈشمە تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى، سانائەت ئىقتىسادى، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالى، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسەت ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، ئامىل كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش، ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرۇش، تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىستاتىستىكا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستاتىستىكىلىق تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىستاتىستىكا ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «يەتتىدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، چەت - يىراق تاغلىق رايونلار، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى، زاۋۇت، كان، كارخانىلار، قاتناش - تىرانسپورت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، دىققەتنى دەريا، كۆل، سۇ ئامبىرى، يول - كۆۋرۈك، نېفىت - تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى، قۇرۇلۇش نەق مەيدانى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش ۋە خەتەرنى تۈگىتىپ پۇختىلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرى ۋە نۆۋەتچىلىك - ۋەزىپە ئىجرا قىلىش تەييارلىق خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. باشتىن - ئاخىر خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش - تەكشۈرۈشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يەرلىكنىڭ تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، شەكىلۋازلىقنى قەتئىي توسۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، بىخەتەرلىكنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قۇربان ھېيت، دۇەنۋۇ بايرىمى قاتارلىق مۇھىم تۈگۈنلەرنى چىڭ كۆزلەپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ئىنچىكە تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، دائىم ئۆگىنىپ، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش، دائىم ئۆزلەشتۈرۈپ، دائىم ئالغا ئىلگىرىلەش جەھەتتە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ئىدىيە ئۇلىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملەش كېرەك. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، تىپىك دېلو مىساللىرىدىكى ئىجابىي، سەلبىي ئىككى «ئەينەك»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەپ، ھەقىقىي نەتىجە يارىتىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات چارىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك.