3 - نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى يىغىنى ئېچىلدى

2026-06-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ قاتناشتى، ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 3 - نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئاسمان بىلەن يەر يۈزىدە ماسلىشىپ ئىلگىرىلەش . ئاسىيا مەركىزى تۈگۈنى: دۇنيا ئاۋىياتسىيە يېڭى تۈگۈنى، ئالتۇن يول يېڭى ئېكولوگىيەسى». 400دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىرىنچى قاتاردىكى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، يېڭى دەۋر خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئورتاق پىلانلاپ، «ھاۋا يىپەك يولى»نىڭ تۈرتكىلىك كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى سىجىل ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.

ئەركىن تۇنىياز سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بەردى. دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز تېز يۈكسەلدۈرۈپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان، شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان، ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان ئاۋىياتسىيە سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى. «ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك بۇرچنى ياخشى زىممىگە ئېلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنىڭ تاشقى ئالاقە، ئامىللارنى يىغىش - تارقىتىش، كەسىپكە تىرەك بولۇش قاتارلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش «يېڭى ئېگىزلىك»ى بەرپا قىلىشنى خالايمىز. «ئاۋىياتسىيە + زامانىۋى كەسىپلەر»نىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئايروپورت ئەتراپى ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «ئەشيا ئوبوروتى ئارقىلىق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سودا ئارقىلىق كەسىپلەرنى توپلاش»تىن ئىبارەت ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «يېڭى موتورى»نى قوزغىتىمىز. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، ئىچكى - تاشقى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنياغا شىنجاڭنىڭ ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان «يېڭى ئوبرازى»نى نامايان قىلىمىز.

جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ باش ئۇچقۇچىسى شيۇڭ جيې سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەۋقەنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قويۇپ، كۆرسەتكۈچنى ئىگىلەش ئارقىلىق يېتەكلەپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، بايلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تىرانسپورت مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جۇڭگو ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت جەمئىيىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، كېڭەش باشلىقى ۋاڭ چاڭشۇن سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئاۋىياتسىيەسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىكى يول ئاچقۇچى ئاۋانگارت. ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ۋە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىش ۋە كېڭەيتىش؛ تۈگۈننىڭ ئۆتەڭلىك ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يەر يۈزى قاتناش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر خې دۇڭفېڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى ئايروپىلانلارنىڭ شىنجاڭغا ماكانلىشىشى، شىنجاڭدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى، شىنجاڭغا مۇلازىمەت قىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىغا ئۇزاققىچە كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە پۇختا مۇلازىمەت قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان كۈچىنى قوشىدۇ.

ئاستانا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى رىچارد لېدگېر، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يەن فېي، جۇڭگو شەرق ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋەن چىڭچاۋ، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لياڭ شۇاڭ، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش بوغالتىرى يۈ شىخەي، خەينەن ئاۋىياتسىيەسى ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى دىڭ يۇڭجېڭ، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇر گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى دۇ شياۋمىڭ، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى تاۋ رۇنۋېن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى ئاستانا ئاۋىياتسىيە شىركىتى، قازاقىستان فېيشى ئاۋىياتسىيە شىركىتى قاتارلىق كۆپ ئورۇن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ راۋانلىقىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان «جۇڭگو شىنجاڭ - قازاقىستان تېز لىنىيەسى»نى قوزغاتتى. جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى گەنسۇ، شىنجاڭ، نىڭشيا، چىڭخەي قاتارلىق كۆپ جايدىكى ئايرودۇرۇم گۇرۇھلىرى بىلەن بىرلىكتە «غەربىي شىمال رايونىدىكى تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيەلىرى بىرلەشمە ئايلىنىپ ئۇچۇش لىنىيەسى تەشەببۇسى»نى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، ئايرودۇرۇم گۇرۇھلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

جاڭ يىڭچۇن رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، قازاقىستان، رۇسىيە، ئافغانىستان، موڭغۇلىيە دۆلىتى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە ئايرودۇرۇم مەسئۇللىرى، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار ئورۇن، كارخانا، جەمئىيەت، فوند جەمئىيەتلەردىكى ئەزىز مېھمانلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار ئورۇن، كارخانا ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

يىغىن مەزگىلىدە، يەنە باش تېمىلىق نۇتۇق سۆزلەش ۋە يۇمىلاق ئۈستەل مۇنبىرى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.