چېن شياۋجياڭ قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى
جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ - ئىناق بولغان بايرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتىدە قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ - ئىناق بولغان بايرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا، چېن شياۋجياڭ سىن سىستېمىسى ئارقىلىق قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى قاتناش نۇقتىلىرى، بايراملىق بازارلار، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، ئادەم زىچ توپلىشىدىغان مەيدان - سورۇنلار قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ يۈرۈشۈش ئەمەلىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، بايرام مەزگىلىدىكى نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىق، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىر - بىرلەپ سوراپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار ۋە بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، بىخەتەرلىكنى قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، بايرام مەزگىلىدە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نۆۋەتچىلىك - ۋەزىپە ئىجرا قىلىش تەييارلىق خىزمىتى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ھوشيار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. قانۇن بويىچە دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن چارلاپ ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە نۇقتىلىق ئامىلنى پۈتۈن زەنجىرلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادەم زىچ توپلاشقان مەيدان - سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرالارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، ئىناق، مۇقىم بولغان بايرام كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك كان، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پوجاڭزا - ساليۇت، ئېگىز بىنالارنىڭ ئوت مۇداپىئەسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەر، يول قاتنىشىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، يەر تەۋرەش، قىيان، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەردىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.
ۋاڭ گاڭ، پەن شى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قاتناشتى.