ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سىنلىق يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى دۆلەت ئىچىدىكى ھادىسىلەردىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى كان، پوجاڭزا - ساليۇت، قاتناش - تىرانسپورت، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش مەيدانىغا كىرىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، قۇدۇققا چۈشۈپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ھەر تەرەپلىمە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ مۇستەقىللىقى، كەسىپچانلىقى، ئۆتۈشمىچانلىقىنى كۈچەيتىپ، «قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارنى تۈزەش» يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق جازالاپ، قاتتىق بىرتەرەپ قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىش دائىرىسىنى يوشۇرۇش، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - تىزگىنلەشتە ساختىلىق قىلىش، قۇرۇلۇش خەرىتىسىدە ساختىلىق قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا بۆلۈپ ھۆددىگە بېرىش، ھۆددىگەرلىكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ھەم ئۇنىڭ ئارقىسىدا ساقلىنىۋاتقان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق - مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، چىرىكلىك قاتارلىق مەسىلىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، جازا ئىجرا قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، چۆچۈتۈش، توسۇش ئۈنۈمىنى كۈچلۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچنى باشقۇرۇشتا ئۈچ جەزمەن بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش پۈتۈن زەنجىرىگە سىڭدۈرۈپ، بىرلىشىپ باشقۇرۇش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىزلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى ياندۇرۇپ تەكشۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام ھالدا ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغىچە يەتكۈزۈپ، چىڭىتىپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يىغىندا يەنە تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: كەلكۈن مەزگىلىدىكى ناچار ھاۋارايى، قىيان، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ۋە ئورمان - ئوتلاق ئوت ئاپىتى قاتارلىق ئاپەت خەۋپ - خەتىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، نۆۋەتچىلىك - دىجورنىلىقنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.
يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ بايلىق، رايون ئورنى، كەسىپ، سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسىپلىشىش ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە قاراپ ئۇزىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياسىمىچىلىق بىلەن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، رەقەملىك ئاقىل تېخنىكىسى ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، قولايلاشقان تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇش مۇلازىمىتىنىڭ تېخىمۇ قولايلىق بولۇشى، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشى، مەدەنىيەت - ساياھەت - تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇلازىمەتنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاسلاشقان، كۆپ خىللاشقان، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازارغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا مۇلازىمەت سودىسى ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ھۆكۈمەت، بازار، جەمئىيەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىلمىي تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەل جايىدا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇم تىزگىنلەپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس باغ - ئورمان، قۇملۇق رايونىدا ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئورمان ئىقتىسادى قاتارلىق خەلقنى بېيىتىش يېشىل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۈر تۇرغۇزۇش، قۇرۇلۇش قىلىش، كېيىنكى مەزگىللىك باشقۇرۇش - ئاسراش قاتارلىق پۈتۈن زەنجىرلىك باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى قاتتىق ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.