​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026-06-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم، ياخشى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ مائارىپى، بولۇپمۇ ئالىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى كۈچەپ جانلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ قوللاش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق بولغان تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يىرىك پىلانى لايىھەسى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك قۇرۇپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى غەربىي قىسىم توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بويىچە بۆلەك رايونى نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئۈچ شىمال روھى»، كۆكيار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنىيەتكە تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەرتىپلىك تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، دىققەتنى «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى غەربىي قىسىم توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى دائىملىق ياخشى تۇتۇپ، قۇم تىزگىنلەش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تارقىتىش ۋە تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش، پارتىيەنى نەزەرىيە ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى تارقىتىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى سىستېمىلىق، ئىلمىي تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش پىكىر يولى، چارىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە مەركەزلىك تۈزەش، ئەمەلىي ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشتىن ئىبارەت سادىق پەزىلەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزىتىش ئۈنۈمىنى خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، سىجىل كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇستەھكەم تىرەككە ئايلاندۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.