چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز دۆلەت تۇرۇبا تورى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ ۋېي بىلەن كۆرۈشتى

2026-06-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي،ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئۈرۈمچىدە دۆلەت تۇرۇبا تورى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ ۋېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن جاڭ ۋېي ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، دۆلەت تۇرۇبا تورى گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىگە ئالغان، ھازىر بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىۋاتىدۇ. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەت تۇرۇبا تورى گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئېنېرگىيە يولى چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇرۇبا تورى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، «ماددا - ئېنېرگىيە تورى» يېڭىچە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئورتاق ھالدا دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاڭ ۋېي شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان دۆلەت تۇرۇبا تورى گۇرۇھىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭدا كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت تۇرۇبا تورى گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ۋە نۇقتىلىق كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى، پاكىز ئېنېرگىيە يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى قاتارلىق چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە «ماددا - ئېنېرگىيە تورى» قۇرۇلۇشى ۋە قوللىنىش ھالىتىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھاكىمە قىلىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى پائال پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.