شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە 9 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى جاۋ گاڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى. بىز جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت ئېچىۋېتىش سۇپىسى ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ساھەسىنى ئورتاق كېڭەيتىپ، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
تاجىكىستان سانائەت ۋە يېڭى تېخنىكا مىنىستىرلىقىنىڭ 1 - مۇئاۋىن مىنىستىرى قۇربونزودا ئىسوجون، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ باش كاتىپى سۈن ۋېيدۇڭ، خۇبېي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىنجان تۇراخۇن، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خوۋ چىجۈن، جۇڭگو خۇانېڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋېن شۇگاڭ، خېفېي رۇڭشىدا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى پەن باۋچۇن قاتارلىقلار سۆز قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: كۆرگەزمىنىڭ جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىنى يۈكسەك ئالقىشلايمىز ھەم ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئارزۇلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.
ئالاقىدار دۆلەتلەردىن كەلگەن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەزىز مېھمانلار، يەرلىك مەمۇرىي ئەمەلدارلار، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر قاتناشتى.
يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەت ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئالاقىدار كارخانىلاردىكى ئەزىز مېھمانلار قاتارلىقلار قاتناشتى.
ۋاڭ جيەنشىن، ۋاڭ لىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.