​ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026-05-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز تارباغاتاي ۋىلايىتىدە مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشقا ئاساسەن تۈزىتىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى

ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، شىخو، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ساۋەن شەھىرى، شىخو شەھىرىگە بېرىپ، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشتا كۆرسىتىلگەن مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، قەتئىي تۈردە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە ئومۇميۈزلۈك سېلىشتۇرۇپ، قەتئىي تەدبىر قوللىنىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۈزىتىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تۈزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى ھەم كېيىنكى تۈزىتىش خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش، بىر زاۋۇتقا بىر تەدبىر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك بولغان ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزىتىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەلتۆكۈس، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە قالاق قۇرۇلمىلارنى قاتتىق شاللاپ، ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش ۋە ئېنېرگىيە تېجەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىشقا ئاساسەن تۈزىتىشنى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي تۈزىتىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىشقا ئاساسەن تۈزىتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ناھىيە، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەتلەشتى، پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشىنىڭ سىياسىيۋىلىكى، كەسكىنلىكى، مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، نازارەت قىلىشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، تۈزىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى نازارەت قىلىشقا ئاساسەن تۈزىتىشنى تۇتۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتتە نامايان قىلىشى كېرەك. دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش لايىھەسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، نىشانلىق جەڭ قىلىپ، مەركەزلىك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە، يىپ ئۇچلىرىنى بىر - بىرلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرمۇبىر جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىش، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، مەنبە ۋە تۈگۈننى چوڭقۇر قېزىپ، دائىملىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىشى كېرەك.

ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىش مەزگىلىدە، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ بېيفاڭ پەن - تېخنىكا مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى، شىخو شەھەرلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى، ساۋەن شەھىرى تيەنباۋ يېشىل يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى، ساۋەن شەھىرى چوڭ تەخسىلىك مەززىلىك تائاملار كوچىسىغا بېرىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش، بازار ئىستېمالى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ھەرقايسى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇش، پۇختا تۇتۇش كېرەك. ئىلمىي ئانالىز قىلىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشنى ياخشى تۇتۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇربان ھېيت قاتارلىق تۈگۈن - پەيتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرۇش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «سۈپەت»نىڭ ئاساسىي رېڭىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «خاس»لىق ۋىۋىسكىسىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىشتىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك.