مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2026-06-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇلازىمەت كەسپى يىغىنى ئېچىلدى

مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى

6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇلازىمەت كەسپى يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ مۇلازىمەت كەسپى يىغىنى 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

چېن شياۋجياڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مۇھىم پىرىنسىپى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، پارتىيەمىزنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك مۇلازىمەت كەسپى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ كەسپىيلىشىشى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىشكە قاراپ ئۇزىرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۇرمۇش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان، قولايلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىدارنى ئاشۇرۇش بىلەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى تەڭ تۇتۇش، تەرەققىيات بىلەن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاتلام ۋە تۈرگە ئايرىپ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاساسىي ئېھتىياج تۈرىدىكى مۇلازىمەتنىڭ تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئەلا سۈپەتلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈندىلىك تۇرمۇش مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىقلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئەلا سۈپەتلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئۈچ دەرىجىلىك ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە ھاۋالىلىك بېقىش بىلەن بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش بويىچە ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئائىلە مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ ئۆلچەملەشكەن، كەسپىيلەشكەن، كەسىپلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن تۈردىكى مۇلازىمەتنىڭ تېخىمۇ مول، كۆپ خىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئالاقىدار ساھەلەردىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇلازىمەت بازىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالىتىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ماھارەت خاراكتېرى، ھۇزۇرلىنىش خاراكتېرى، يۇغۇرۇلۇش خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. خاس بۇيرۇتما مۇلازىمەتنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، ئىنچىكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئۆي جاھازلىرى، ئۆي بېزەكچىلىكى، ھېس قىلىش شەكلىدىكى مۇلازىمەت، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قاتارلىقلارنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشنى چۆرىدەپ، بۇيرۇتما شەكلىدىكى، زاكاز شەكلىدىكى، ئالدىن كېلىشىش شەكلىدىكى مۇلازىمەتنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، بۇيرۇتما تۈردىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، خاسلاشقان، كۆپ خىللاشقان، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «0دىن 1گىچە» بولغان دەسلەپكى ئىجادىي مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «1دىن 100گىچە» بولغان نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنىڭ قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ساھەلەرگە ئۇزىرىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش كېرەك. ئىلغار ياسىمىچىلىق مۇلازىمىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ياساشنىڭ پۈتكۈل جەريانى بىلەن چوڭقۇر گىرەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنى رەقەملىك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى كۆپ ساھەدە، كۆپ كۆرۈنۈشلۈك كۆلەملىك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ قوللىنىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى كەسپىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ئىلغار ياسىمىچىلىق كەسپى بىلەن زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۈرۈشلەشكەن كەسپىي مۇلازىمەتنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەشكەن داڭلىق ماركا تىجارىتى مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، سۈپەتنى ئېتىراپ قىلىش ۋە تەكشۈرۈش - سىناش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتتە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش پىكىر يولى ۋە چارىسى ئارقىلىق مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىي ئېھتىياجدىن ئايرىلىپ قېلىش، «يۈز - ئابرۇي قۇرۇلۇشى» قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ھەربىر تەدبىر، ھەربىر تۈر، ھەربىر سېلىنمىنىڭ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپى بويىچە خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇنى قوللايدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش ئاپتونوم رايوننىڭ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىشقا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى يېشىپ چۈشەندۈردى. ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، سودا ئىشلىرى نازارىتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايوندىكى ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى، كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار كەسپىي جەمئىيەتلەر ھەم مۇلازىمەت ساھەسىدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.