ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-06-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىرىك پىلانى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان سۆزىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى غەربىي قىسىم توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بويىچە بۆلەك رايونى نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانى» «ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر يىرىك پىلانىنى لايىھەلەش ۋە يولغا قويۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەئىس ۋاڭ خۇنىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاش، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى تۈپ كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە غەربىي قىسىم توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بۆلەك رايونى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كەلسە ئورمان بىنا قىلىش، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش، قاقاس پېتى ساقلاشقا ماس كەلسە قاقاس پېتى ساقلاش، قۇم پېتى ساقلاشقا ماس كەلسە قۇم پېتى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئورمان - ئوتلاق كەسپىنى كۈچەپ زورايتىپ، ئۆزگىچە باغ - ئورمانچىلىقنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلارنى كۆكەرتىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ياخشى ئېكولوگىيەنى ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ ئىش ئورنى ھازىرلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى تەمىناتىنى كېڭەيتىپ، بىر تۈركۈم ئېسىل مەنزىرە رايونى ۋە ئىستىراھەت رايونلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت - ساياھەت مەنزىلگاھى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. «مەدەنىيەت - ساياھەت +تۈرلۈك كەسىپ»كە تۈرتكە بولۇپ، كۆپ خىل ھەمكارلىشىدىغان يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى قوزغىتىش كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر يىرىك پىلانىنى لايىھەلەش ۋە يولغا قويۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شەھەر - بازار بوشلۇق رايونىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، شەھەر يىرىك پىلانىنى لايىھەلەش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى بويىچە يېتەكلەش ۋەنازارەت قىلىپيولغا قويۇشنىكۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان، دەۋر قىياپىتىگە ئىگە بولغان زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاساس مائارىپ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، مائارىپنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسى ۋە رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاجىز ساھەلەرنى نۇقتىلىق تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ساغلاملىقىنى ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.