جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى

2026-06-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىن چاڭشىڭ، چېن شياۋجياڭ، ليۇ شياۋتاۋ، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى

6 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي،ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئىككى تەرەپ خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ئىككى جاي ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شىن چاڭشىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ليۇ شياۋتاۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جياڭسۇ ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇشنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. جياڭسۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چىن قەلبىدىن مىننەتدار بولدى، قەلبىدە چىڭ ساقلىدى. بىز 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جياڭسۇ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىۋاتقان ۋە ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ھەمكارلىقى سالمىقىنى زورايتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشى، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنىنى كېڭەيتىشكە كۈچ قوشۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئورتاق مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز.

شىن چاڭشىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جياڭسۇنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلاندى، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىمەكتە. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولۇش ئارقىلىق، بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن تىرىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىي ۋەزىپىسىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جياڭسۇنىڭ تېخىمۇ زور كۈچىنى قوشىمىز.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەم جياڭسۇ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئەھۋالى، جياڭسۇنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ، مەكتەپ، دوختۇرخانا، پەن - تېخنىكا باغچە رايونى، كونا شەھەر رايونى قاتارلىق جايلارغا كىرىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش نەتىجىسىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى.

جياڭسۇ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن جوۋ خۇڭبو، ما شىن، فەن بو، چۇ يۇڭخۇڭ پائالىيەتكە قاتناشتى. جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، شۆ بىن، ياڭ شيۇلى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.