شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو قاتارلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەندىكى رەھبىرىي يولداشلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ھەم ھامىدىن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىت، نەيىم ياسىن، ئەسقەت كەرىمباي، قېيۇم باۋۇدۇن، جاڭ شيۇمىڭ، جۇ خەيلۇن، چېن دېمىن، فۇ چياڭ، خۇا شىفېي، غانىبات سابۇكەي، تيەن ۋېن، شيې فۇپىڭ، خەلچەم ئىسلام، جاڭ خېڭ، مىجىت ناسىر، قادىس جانابىل، ما جيەنگو، دەلىلقان مامىقان، مەمتىمىن زاكىر، ئاسانبېك تۇردى، دۇ چىنرۇي، جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، جاپپار ھەبىبۇللا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، چيەن جى، نىجات سۇلتان، ئىنام نەسىردىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، بادەي، ھۆرىگۈل جاپپار، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، لى شۆجۈن، جاۋ چىڭ، سو يۆ، توختى ياقۇپ، دىيار قۇرماش، فېڭ داجېن، ۋۇ جياخې، ۋاڭ يوۋسەن، يۈسۈپ ئەيسا، لى دۇڭخۇي، غوپۇر ئابدۇللا، جاڭ گۇيتىڭ، جاڭ يۈجۇڭ، پاشا ئىشان، ۋۇ دۇنفۇ، شيۇڭ خۇييىن، ياۋ يۇڭفېڭ، جياڭ شەن، جۇ جېنجۇڭ، مەمەتجان ئەمەت، ليۇ ياۋخۇا، قىزايجان سېيىلقوجا، كې لى، مەمەتھەسەن توختالى، ئايۇپ تېيىپ، ماۋكەن سېيىتقامزا، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، بەي جىجيې، ليۇ جىيۇڭ، رىزۋان ئەبەي، كادىرقان مىراسقان، لى شياڭلىن، ليۇ يەنلياڭ، يۈ شيۇدۇڭ، چېڭ جېنشەن، جاڭ بو، جۈرئەت ئىمىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، مەڭلىك سىيىت، ما شيۇڭچېڭ، ماغاۋ سېيىتقامزا، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، پېڭ جيارۇي، چيۇ شۇخۇا، ئىلھام سابىر، كۇڭ شىڭلۇڭ، نۇرۇم ئىسمايىلقان، لى شۇجۈەن، جاڭ لىبو، جۇ جيەنفەن، خۇ جاۋجاڭ، تاڭ يۈنفۇ، ۋاڭ جيەنجېن، كاڭ كېجيەن، مەمتىمىن ئابدۇرېھىم، خۇا شى، جەي شياۋخېڭ، ۋاڭ چۇڭجيۇ، لۈ گاڭ، ۋاڭ جىلياڭ، سۇڭ جيەنيې، لۇ شياۋفېڭ، ليۇ شياڭسۇڭ، چېڭ جياجۇ، شۈ ۋېيخۇا، لى شىنمىڭ، سۇڭ خاۋ، ئابلىز نىياز، گو يۇڭخۇي، شاۋ فېڭ، ياۋ شىنمىن، لۇ شۈپىڭ، جۇڭ بو، قۇربان روزى، روزى ئىسمائىل، باھارگۈل سەمەت، مەمەت يۈسۈپ، قاسىم مامۇت، نىشان ئىبراھىم، چېن جىنچى، جاۋ شياڭۋا، يەن فېنشىن، ياڭ جاۋجى، پۇ شىيۈ، تيەن يۇڭ، جاڭ جىشۈن، قۇرماش سىرجان، يەن گوسەن ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى قىسمەن پېشقەدەم يولداشلار ھەمدە ۋاپات بولغان قىسمەن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ يەسىرەلىرى، ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلارنى يوقلاپ ياكى ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوقلاشنى ھاۋالە قىلىپ، ئۇلارغا بايراملىق سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈردى.
يوقلاش جەريانىدا، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار پېشقەدەم يولداشلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى، بۇ يىلدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى كۈچەپ جانلاندۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولدى. پېشقەدەم يولداشلارنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەجرىبە ئەۋزەللىكى، ئىناۋەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ ۋە كۈچ چىقىرىپ، قىممەتلىك پىكىرلەرنى كۆپرەك بېرىپ، بىزنىڭ خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزگە ياردەم بېرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
پېشقەدەم يولداشلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاش، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى. ھازىر، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولماقتا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئىقتىساد مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ئۆزگىچە، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلدى، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازا بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. كۆپچىلىك شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى چوقۇم يارىتالايمىز. پېشقەدەم يولداشلار مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، رولىمىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشىمىز.