​دېلو ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026-06-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايوننىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

دېلو ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، دېلو ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈزىتىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ ئاپتونوم رايون بويىچە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىغا خىلاپ قىلمىشقا دائىر دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان خادىملار ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمىنى كۆردى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىش گەۋدىلىك بولغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، ئەتراپىدىكى تىپىك دېلو مىساللىرىنى «ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈش ئەينىكى» ۋە «سەگىتىش دورىسى» قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ قايتا ئويلىنىپ، ئۆزىنى چوڭقۇر ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە «كۆز ئالدىدىكى ساۋاق»لارنى «قەلبكە ئويۇلغان ھوشيارلىق»قا ئايلاندۇرۇشى كېرەك. «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش» تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنى توغرىلاپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئومۇم بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئورۇنغا قويۇپ، «پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئاممىسى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش»نى باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان سىياسىي خىسلەت قىلىپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جان - دىل بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. «خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش» تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنى توغرىلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى كۈچەپ ياخشى بېجىرىپ، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىشنى قانۇن بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېھىر - مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئەمەلىي سىياسىي نەتىجە ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى خەلق رايى ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. «ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش» تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنى توغرىلاپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى تەدبىر بەلگىلەش، پىلانلاشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى دەل جايىدا تېپىپ، پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي پىلانلاپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، ئىلمىيلىكى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. «ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش» تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئۆزىنى توغرىلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۇتۇش ئەمەلىي كۈچى، دادىل تۇتۇش قەتئىيلىكى، ماھىرلىق بىلەن تۇتۇش غەيرىتى، دائىم تۇتۇش چىدامچانلىقىنى تاۋلاپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان روشەن ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۈردە سادىق، ئىشەنچلىك، دىلى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولغان، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ياخشى كادىرلارنى ئىشلىتىش كېرەك. سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھوقۇق قارىشى ياتلىشىپ كېتىش، سىياسىي نەتىجە قارىشى بۇرمىلىنىپ كېتىش، كەسىپ قارىشى ئېغىپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، بىرى بايقالسا، بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چۆچۈتۈش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى توغرا نەتىجە يارىتىش، جاسارەتلىك - ياراملىق بولۇشقا يېتەكلەپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى بۆلۈم ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.