چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى خۇلاسىلەندى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى خىزمىتى ۋە نەتىجىسى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىشىگە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆگىنىش ـ تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەشكىللەپ يولغا قويدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمىنى پۇختا چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا يولغا قويۇپ، تۈزىتىش، تۈزەشنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئايلاندۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىنى بوشاشماي دائىم تۇتۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشى تەربىيەسىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېغىشنى تۈزەپ يۆنىلىشنى توغرىلاش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قارىشى جەھەتتىكى ئېغىش مەسىلىلىرىنى دائىملىق تەكشۈرۈپ تۈزىتىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىق، «ئوبراز قۇرۇلۇشى» ۋە «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى» قىلىش قاتارلىق جاھىل ئىللەتلەرنى تۈزەش، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئەمەلىي سىياسىي نەتىجە ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىر تۈرلۈك تەدبىرنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئادەمنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، پەرقلىق تەكشۈرۈش ـ باھالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دادىل مەسئۇل بولىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان كادىرلارنى مۇھىم ۋەزىپىگە قويۇش كېرەك. قاتتىق نازارەت قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، يۈزبېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك چۆچۈتۈشنى شەكىللەندۈرۈپ، تۈزۈم، مېخانىزمدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا ئىنتىزام، قائىدە رامكىسى ئىچىدە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى، ھوقۇق يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيەگە بولغان ساداقەتمەنلىكنى مۇستەھكەملەپ، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، باشتىن ـ ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك، ئومۇملۇق بىلەن قىسمەنلىك، ھادىسىدىن تۈزەش بىلەن ماھىيەتتىن تۈزەش، كۆرۈنەر نەتىجە بىلەن كۆرۈنمەس نەتىجىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ زېھنىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا سەرپ قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇشقا كۈچ سەرپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشنى ئۇلۇغلايدىغان ياخشى ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇپ، تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك دېگەن مەنىۋى مەنزىل ئارقىلىق، تىرىشىپ باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈپ بەرگەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
تيەن شياڭلى، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.