ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭ رېكازې شەھىرى جىلۇڭ ناھىيەسىنىڭ لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقىغا قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى(2026 - يىلىدىن 2028 - يىلىغىچە)» قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇ ئامبىرى - توسما، توسۇلما كۆل قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلاردىكى گېئوئاپەتنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاپتونوم رايوندىكى كۆمۈر كان، يول قاتنىشى، ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى كۈچەپ تۈگىتىپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قوغداش كېرەك.
يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2026 - يىلىدىن 2028 - يىلىغىچە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ناھىيە رايونى نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كەسىپ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئاساسىي گەۋدىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى كۈچەيتىپ، رايون تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسىگە ئۈنۈملۈك سىڭىشىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش ۋە رايونغا، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى كۈچەيتىش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا «شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇنى تېجەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنى پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنيادىكى يېزا ئىگىلىكىدە سۇنى تېجەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش يېڭى ئېگىزلىكى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك. سۇ بايلىقى جەھەتتە قاتتىق چەك قويۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇنى تېجەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش تۈزۈم، سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سۇ تېجەش مېخانىزمى، سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى، سۇ تېجەش تېخنىكىسى، سۇ تېجەش ئۆلچىمى، سۇ تېجەش كەسپى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇنى تېجەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى، دۇنياغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2026 - يىلىدىن 2028 - يىلىغىچە بولغان پاختا نىشانلىق باھا سىياسىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك پاختا نىشانلىق باھا سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پاختا پىششىقلاش ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، پاختا سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، سۈپەت نازارەتچىلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى بازارلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېۋەزنى ئەمەلىي تېرىغۇچىلارنىڭ ئاساسىي پايدىسىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پاختا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: بازار ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماركا يېتىلدۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دورا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كەسىپنى گۈللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەم «قويۇۋېتىپ جانلاندۇرۇش»، ھەم «ياخشى باشقۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىقتىسادىي تەرتىپنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.