شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە ئۆزبېكىستان ساياھەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلئەزىز ئاقۇلوف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان سەمىمىي، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە زۇڭتۇڭ مىرزىيويېفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يېڭى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو شىنجاڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، بولۇپمۇ ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىق كۈنسېرى جانلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى سىجىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساياھەت پىلانى، تىجارەت تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىپ، سەرخىل لىنىيەلەرنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا ساياھەتچى ئەۋەتىش ۋە مەدەنىيەت ـ ساياھەت بازىرىنى كېڭەيتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ساياھەت + يېزا ئىگىلىكى» «ساياھەت + مەدەنىيەت ئىجادىيىتى» «ساياھەت + ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش» قاتارلىق يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ساياھەت ئىختىساسلىقلىرىنى ئورتاق يېتىشتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى، ئىككى جاي خەلقىگە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئابدۇلئەزىز ئاقۇلوف مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئۆزبېكىستان ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت سېلىنمىسى ۋە تىجارەت ـ سودا مۇھىتىىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرادىن كىرىدىغان ساياھەتچى كۆلىمىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئورتاق ئېچىپ، بىرلەشمە تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىمىز. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى قاتلام، دەرىجىلىك زاتلار ۋە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇپ ھەم ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت ـ ساياھەت بايلىقىنى تەكشۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
قەيسەر قېيۇم، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.