ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026-08-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي،ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھات توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھاتنى پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، مەسىلە يۆنىلىشى بىلەن نىشان يۆنىلىشىنىڭ بىرلىكىدە، سىياسەت ئارقىلىق قوللاش بىلەن ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «كىچىك دائىرىلىك» ئىسلاھاتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىسلاھات خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مەخسۇس گۇرۇپپىنىڭ باشلىقلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا جەنۇبىي شىنجاڭ سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، كارخانا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە تەرەققىي قىلىش، ھوقۇق - مەنپەئەتنى قوغداش قاتارلىق پۈتۈن زەنجىرلىك خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ زامانىۋىلاشقان سانائەت ئىشچىلىرى زور قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «ساۋما قىلىپ كارخانىغا كىرىش» بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، تور ۋە تور سىرتى بىر گەۋدىلەشكەن كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىدىكى توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئادىل، تەرتىپلىك بولغان بازار مۇھىتى، كاپالىتى كۈچلۈك بولغان ئامىل مۇھىتى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولغان مەمۇرىي ئىشلار مۇھىتى، ئادىل، ئاشكارا بولغان قانۇنچىللىق مۇھىتى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن بىۋاسىتە، تېز بەھرىلىنىشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى كۈچەپ تۆۋەنلىتىپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ساۋما قىلىپ كارخانىغا كىرىش»نىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننى قاپلىشى، تۇتاشتۇرۇپ يۈرۈشۈشىنى تېزلىتىپ، «ئىش بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىق، ئېھتىياجى بولسا جەزمەن ئورۇنداش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسەتنى دەل جايىدا يەتكۈزۈش، ئىلتىماس - تەلەپلەرگە تېز جاۋاب قايتۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارغا ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن قولايلىق ۋە ئىللىقلىقنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

تيەن شياڭلى، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، لى گاڭ، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.