ئاياللار، بالىلار ھەم مېيىپلەر ئىشلىرىغا ئالاقىدار يىرىك پىلان قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق ئالاقىدار يىرىك پىلانلىرى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوت ئاپىتى خەۋپى يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاياللار، بالىلار تەرەققىياتىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مېيىپلەر كاپالىتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش تۈپ دۆلەت سىياسىتى ۋە بالىلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ ساغلاملىق، بىخەتەرلىك، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەدبىر بەلگىلەش ۋە باشقۇرۇش، ئائىلە، مۇھىت، قانۇن قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ باراۋەر مەنپەئەتلىنىدىغان ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتكە ئېرىشىشىگە سىجىل كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى ئۈزۈلدۈرمەي يولغا قويۇپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى دەل جايىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، مېيىپلەر ياردەمچى سايمانلىرى مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئائىلىدە كۈتۈش، كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، مەركەزلىك ھاۋالىلىك بېقىش - ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىرلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مېيىپلەرنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت مېيىپلەرگە ياردەم بېرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.
يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوت ئاپىتى خەۋپى يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاممىۋى ئوت ئۆچۈرۈش كىرانىنى باشقۇرۇش چارىسى» مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتى، بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتى، ئېگىز قەۋەتلىك ئولتۇراق رايون، دوختۇرخانا، پەرۋىش ئورنى قاتارلىق ئوت ئاپىتى خەۋپى يۇقىرى ئورۇنلارغا چىڭ قادىلىپ، يېقىنقى مەزگىلدە پۈتۈن مەملىكەتتە يۈزبەرگەن ئېغىر ئوت ئاپىتى ھادىسىلىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، گەۋدىلىك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى چوڭقۇر بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە «قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەش» خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇش كېرەك. ئاممىۋى ئوت ئۆچۈرۈش كىرانىنى پىلانلاش، قۇرۇش، ئىشلىتىش، ئاسراش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ئوت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرگە دائىملىق بىرتۇتاش ھۆكۈم قىلىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى قەتئىي قوغداش كېرەك.
يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زور خەۋپ - خەتەر مەنبەسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش چارىسى» مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئۈچنى باشقۇرۇشتا ئۈچ جەزمەن بولۇش» پىرىنسىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەتەرلىك بۇيۇملار بار ئورۇنلار ۋە زور خەۋپ - خەتەر مەنبەسىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كان، قاتناش، ساياھەت، ئوت مۇداپىئە، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇم، ئالاھىدە ئۈسكۈنە قاتارلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كەلكۈن، قۇرغاقچىلىق، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى پۇختا - ئىنچىكە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم يۈكسىلىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئورگانلارنىڭ يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى» مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش، «ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈش» قاتارلىق تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورگانلارنىڭ بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.