شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2026-08-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

جۇڭگو خەلق داشۆسىنىڭ مۇدىرى ما خۇەيدې تەكلىپ بىلەن مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، نۇقتىلىق ۋەزىپىسى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، مۇھىم كاپالىتى قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدا چوڭقۇر، سىستېمىلىق چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئورنىنى بېكىتىپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى قەتئىي يولغا قويۇپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى، تۈرتكە بولدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىدىكى «12دە چىڭ تۇرۇش»نىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن بويىچە ياخشى ئىدارە قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرنى قانۇن بويىچە مۇۋاپىق تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. قانۇن ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يەرلىك نىزام تۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىش قىلىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوغداپ، نۇقتىلىق ساھە، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھە، چەت ئەلگە ئالاقىدار ساھەلەرگە دائىر نىزام چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزگىچە كەسىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت قاتارلىق ساھەلەردىكى قانۇنچىللىق تىرىكىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «9 ـ بەش يىل»لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە قانۇنچىللىقنى ئۇلۇغلايدىغان، قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان، پۈتۈمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىللىقنى قوغدايدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلارنىڭ 1 ـ جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش، مۇقىملىقنى قوغداش، خەۋپ ـ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

تيەن شياڭلى، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئۈرۈمچىدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.