خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئۈرۈمچىدە پاكىستان پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى مەريەم بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن مەريەمنىڭ شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن پاكىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئۇزاقتىن بۇيان يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەمەلىي ھەمكارلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارا ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، پاكىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر قاتار مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، يېشىل كانچىلىق، توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم - كېچەك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، مەدەنىيەت - ساياھەت، دوست شەھەر ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەريەم مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك ئىشلاردا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپتۇ. شىنجاڭ جۇڭگونى پاكىستان بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقىغا گۇۋاھ بولۇپ، پاكىستان - جۇڭگو دوستلۇقى ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇردى. پەنجاپ ئۆلكىسى شىنجاڭ بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، سىجىل تۈردە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئۇل ئەسلىھە، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق پاكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەرلىكنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.