ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ تۈركمەنىستاندا زىيارەتتە بولدى

2026-08-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ تۈركمەنىستاندا زىيارەتتە بولدى.

تۈركمەنىستاندىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر تۈركمەنىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئاتاخەلىيېف، ئاشخاباد شەھىرىنىڭ باشلىقى گاندېموف بىلەن كۆرۈشتى، جۇڭگو (شىنجاڭ) - تۈركمەنىستاننىڭ يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى، جۇڭگو(شىنجاڭ) - تۈركمەنىستان ئىقتىساد - سودا كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

زىيارەت مەزگىلىدە، ئەركىن تۇنىياز رەئىس شى جىنپىڭ پىلانلاپ بەرگەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ھەمدە شىنجاڭنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللارنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، جانلىق، تەسىرلىك شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى سۆزلىدى، ئېچىۋېتىلگەن - ھەمكارلىشىدىغان شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ بەردىمۇھەممەدوفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - تۈركمەنىستان مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى. ھازىر، جۇڭگو خەلقى بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە، تۈركمەنىستان «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى دەۋردىكى گۈللىنىشى» نىشانىغا قاراپ پائال ئىلگىرىلىمەكتە، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. بىز بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان تۈرلۈك مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىپ، جۇڭگو - تۈركمەنىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايمىز. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تۈركمەنىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت - ساياھەت، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، داۋالاش، ئېكولوگىيە، ئەشيا ئوبوروتى، دوست شەھەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىلمىي تەتقىقاتنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

تۈركمەنىستان تەرەپ مۇنداق بىلدۈردى: تۈركمەنىستان جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىدۇ ھەم شىنجاڭ بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشەنچى تولۇق، يېزا ئىگىلىكى، ئىقتىساد - سودا، ساياھەت، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

زىيارەت مەزگىلىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يەنە ئاشخاباد خەلقئارا ئۇنىۋېرسال بەيگە مەيدانى، تۈركمەنىستان دۆلەت مۇزېيى، تۈركمەنىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى خەلقئارا پەن - تېخنىكا باغچىسى، مەختۇمكۆل دۆلەتلىك داشۆ ھەم ئالاقىدار داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

جۇڭگونىڭ تۈركمەنىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جى شۇمىن، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە كارخانا ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.