ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى يىغىن ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش جياڭ زېمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، يولداش جياڭ زېمىننىڭ شانلىق، كۈرەشچان ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۆچمەس تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئالىيجاناب خىسلىتى سىستېمىلىق يىغىنچاقلاندى، سۆز ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم سىياسىي ئېتىقادى، سەمىمىي، چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يېڭىلىق يارىتىش روھى، يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرى، قەتئىي، كەسكىن بولغان قالتىس جاسارىتىدىن ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى كۈچەپ ياخشى بېجىرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، «15 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭ رېكازې شەھىرى جىلۇڭ ناھىيەسىنىڭ لاتقا ـ شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقىغا قارىتا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. زىچ كۆزىتىش ـ ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەش، قاتتىق يامغۇر، كەلكۈن، لاتقا ـ شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ خەۋپ ـ خەتىرىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش، ئەسكەرتىشنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، يۆتكەپ خەتەردىن ساقلىنىش قاتتىق تەلىپىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، نۇقتىلىق رايون ۋە ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەر نۇقتىلىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، كۈز پەسلىدە ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇش ـ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.
يىغىندا مەركەزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كۈرەشكە دائىر ئومۇمىي تەلەپ، خىزمەت پىرىنسىپى، يولغا قويۇش قەدەم ـ باسقۇچلىرىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، زەربە بېرىش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئاساسىي قاتلامدا «چىۋىننى يوقىتىش» بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەردە مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى قەتئىي يوقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلىشىنى قوغداش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.