چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسى شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپلىك ۋەكىللەر تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2026-08-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇي،ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسى شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپلىك ۋەكىللەر تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلارنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، ئۇل ئەسلىھەلەر كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازا بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلدى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ قېتىم شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپلىك ۋەكىللەرنى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشقا تەشكىللەش مۇقەررەر ھالدا شىنجاڭنىڭ ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىگە كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئاياللار ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئاياللار تۆھپە يارىتىش ھەرىكىتى، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشى، ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ياردەم بېرىپ، ھەر مىللەت ئاياللارنى «يېرىم دۇنيا»لىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىشىنى؛ قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان يېڭى كەيپىياتى، يېڭى قىياپىتىنى پائال نامايان قىلىشىنى؛ شىنجاڭنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى لىن يى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تۇنجى قېتىم شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپلىك ۋەكىللەرنى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇشقا تەشكىللىدى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋەكىللىرى بۇنىڭغا پائال ئاۋاز قوشتى ۋە بەس - بەستە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ۋە شىنجاڭ ئاياللار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن شىنجاڭنىڭ ئاياللار ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئەمەلىي ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئورتاق مۇستەھكەملەپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە كۈچ قوشۇش.

ئاۋمېن ئاياللار بىرلەشمىسى باش جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك جەمئىيەت باشلىقى خې دىڭيى بىلەن شياڭگاڭ رايونى ئاياللار بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لۇ خەي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىم گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىۋاتقان قويۇق كەيپىياتنى ھېس قىلدۇق. شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننىڭ سىجىل گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ جانلىق ئىپادىسى، شۇنداقلا شىنجاڭ قاتارلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭ بىلەن ئاياللار ئىشلىرى ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، پائال سۇپا ھازىرلاپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە خادىملار ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. شىنجاڭدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىزنى شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن شەھەر ئاھالىلىرىگە تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، مۇقىيات جارمۇقامەت، كۈلەن سەيپىلقان، جاڭ ۋېنشېڭ، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، مەركىزىي كومىتېت شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى ئىشخانىسى ۋە مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالاقە ئىشخانىسى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالاقە ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاياللار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.