ئەركىن تۇنىياز شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
ئىقتىسادنىڭ يېڭى، ئەلا بولۇشى، يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كېلىپ، ئالاقىدار كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ كەسىپ تەرەققىياتى، چوڭ - چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشى، «قوش كاربون» خىزمىتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بېسىمنى ئاشۇرۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئاساسنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشقا كۈچەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يېڭى، ئەلا بولۇشى، يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
يىخۇا كانچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋۇسەيۋەن 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا، ئەركىن تۇنىياز ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، سىرتقا توشۇش ئىقتىدارى، ئاقىل كان قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئىلمىي جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش جەھەتتە ئۈلگە كۆرسىتىپ، دۆلەت ئىچىدە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان زامانىۋىلاشقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆمۈر كان قۇرۇشنى تېزلىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.
دۈنخۇا يېشىل كاربون تېخنىكىسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 150 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى يىغىپ سۇيۇقلاندۇرۇش تۈرى، گوتەي شىنخۇا كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قويۇپ بېرىلگەن كاربون تۆت ئوكسىدىنى يىغىۋېلىپ بىرىكتۈرۈپ مېتانول ھاسىل قىلىش تۈرى نەق مەيدانىدا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا لىنىيەسى، مەھسۇلات ئورۇن بېكىتمىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كاربون تۆت ئوكسىدىنى يىغىپ پايدىلىنىش تېخنىكىسى بويىچە پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، «كاربون يۈكى»نى «كاربون بايلىقى»غا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇپ، «قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز شەننېڭ خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 800 مىڭ توننا كۆمۈردىن ئولېفىن ئېلىش، دۇڭمىڭ پىلاستىك ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 800 مىڭ توننا كۆمۈردىن ئولېفىن ئېلىش تۈرىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا نەق مەيداندا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ: نۆۋەتتە كۆمۈردىن ئولېفىن ئېلىشنىڭ تەننەرخ ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك بولماقتا، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى، سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تۈرنىڭ بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ئۇ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پائال تۈردە ئالدىنقى سەپتە مۇلازىمەت قىلىپ، بوغۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.
شەرقىي جۇڭغار ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى يۇغۇرۇش بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسىدا، ئەركىن تۇنىياز كاربون ئۆلچىمى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كۆپ خىل ئېنېرگىيەنى يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئارىلىق سىناق بازىسىغا بېرىپ، باغچە رايونىدىكى نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنى ماسلاشتۇرۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى چۆرىدەپ، كاربون ئۆلچىمى بويىچە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سانجى ئوبلاستى نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، بۆسۈش ئېغىزىنى دەل جايىدا تېپىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە ئىسلاھات جاسارىتى بىلەن تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇش، كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، كەسىپلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەركەز كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىكى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.