چېن مىڭگو كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئۈرۈمچىدە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لىن دىڭگو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن مىڭگو كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن لىن دىڭگو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇشتا بولۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال سىڭىشىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ۋە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز تۈردە چوڭقۇر قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك، ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولدى. شياڭگاڭ دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش، خەلقئارا قانۇنچىللىق ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىدىكى مۇھىم كۆزنەك ۋە كۆۋرۈك. ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشىنى؛ چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن مۇلازىمىتى كەسپىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت سىرتى قانۇن مۇلازىمىتى ھەمكارلىق سۇپىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىككى جايدىكى كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىشى»غا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشىنى؛ ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىپ، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە ئورتاق مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرىدۇ، شياڭگاڭدىكى تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.
لىن دىڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، سىرتقا ئېچىۋېتىش، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، دۆلەتنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى شياڭگاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى زور پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. شياڭگاڭ بىلەن شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، كەسىپ مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىقتىساد - سودا كەسىپلىرىگە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پائال تۈردە كارخانىلارنىڭ «سىرتقا چىقىشى»نى يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىللىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
قادېن كەبىن، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.