ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-09-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مالىيەنى ئىلمىي باشقۇرۇش خىزمىتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مالىيەنى ئىلمىي باشقۇرۇش مۇھاكىمە قىلىندى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەرزىيەت قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش نىزامى(لايىھە)» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نىزامى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مالىيە خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك مالىيەنى ئىلمىي باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىيات ئومۇملۇقىنى كۆزلەپ، مالىيە خىزمىتى سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن «پۇل تېپىش» ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالدىن كۆرەرلىككە، يېتەكچىلىككە، تۈرتكىلىككە ئىگە بىر تۈركۈم چوڭ تۈر، ياخشى تۈرلەرنى دەل جايىدا پىلانلاپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەردە ئوڭۇشلۇق ئىش باشلاش، بالدۇر ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. «مالىيە توپلاش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەنئەنىۋى باج مەنبەسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن باج مەنبەسىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، يىغىۋېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يىغىۋېلىش، خەزىنىگە تولۇق كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىلمىي ھالدا «مالىيەنى تەقسىملەپ»، مالىيە كۈچىنىڭ ناھىيە، شەھەر، رايونلارغا تېخىمۇ كۆپ چۈشۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دەل جايىدا «مالىيەنى ئىشلىتىپ»، مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، نۆللۈك خامچوت ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. «مالىيەنى مۇقىملاشتۇرۇش»نى كۈچەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرز خەۋپ - خەتىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يوشۇرۇن قەرزنى يېڭىدىن كۆپەيتىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش» تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. «مالىيەنى باشقۇرۇش»نى چىڭىتىپ، مالىيە - ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، مالىيە مەبلىغىنى ئۆلچەملىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش نىزامى(لايىھە)» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نىزامى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە ماسلىشىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق رايونلاردا مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيەنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇھىتنى بۇلغايدىغان، ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، دىققەتنى ئېنېرگىيە، سانائەت، كۆچمە مەنبە، چاڭ - توزان قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى شەھەرلەر توپى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەۋە جاي، تارماق، كارخانىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېگىز قەۋەتلىك ئىمارەت، ئادەم زىچ توپلىشىدىغان مەيدان - سورۇن، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىدا، ياشانغانلار ساناتورىيەسى قاتارلىقلارغا چىڭ قادىلىپ، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. مەركەز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى كەسكىن، ياخشى تۇتۇپ، «قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەش» يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ۋە دەل جايىدا بولۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت ۋەزىيىتى ۋە زىددىيەت، خەۋپ - خەتەرنىڭ يۈزلىنىشىگە ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ۋىۋىسكا ئېسىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ ماھىيەتلىك ھەل قىلىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى سۇپىسىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئەرزىيەت كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى ئۆز جايىدا ھەل قىلىش، مەنبەدىن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.