جاڭ يىڭچۇن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو رۇڭتۇڭ مۈلۈك باشقۇرۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى ۋېنچىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يىڭچۇن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن لى ۋېنچىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو رۇڭتۇڭ گۇرۇھى شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. ئىككى تەرەپنىڭ دىققەتنى دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەبلەغ سېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، داۋالاش - ساغلاملىق، شەھەر يېڭىلاش، مەدەنىيەت - ساياھەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ تۈرتكىلىك كۈچى كۈچلۈك بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇشىنى؛ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، كەسىپ ۋە تۈرلەرنىڭ ئىش ئورنى ھازىرلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لى ۋېنچىڭ شىنجاڭنىڭ جۇڭگو رۇڭتۇڭ گۇرۇھىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، پىششىقلاش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر يېڭىلاش، ئۆزگەرتىشكە پائال قاتنىشىپ، پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشىمىز.
قادېن كەبىن ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.