قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، قومۇل، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، 2026 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدا ئېچىلدى. يىغىندا، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، ئىدىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، تەجرىبىلەر ئالماشتۇرۇلۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر تەتقىق قىلىنىپ ۋە ھەل قىلىنىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، فۇنكسىيەسى ئىلمىي بولغان، ھوقۇق - مەسئۇلىيىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىدىغان، ئاشكارا - ئادىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق - يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاك - سەمىمىي بولغان، خەلق رازى بولىدىغان قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى» ۋە «15 - بەش يىل»لىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، يىللىق نىزام چىقىرىش خىزمەت پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا ئېنىقلىشى كېرەك. قانۇننى قاتتىق، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىپ، «ئىككى قانۇنغا خىلاپ، تۆت قالايمىقان قىلمىش»نى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، مەدەنىيەت - ساياھەت، خەلق تۇرمۇشى، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قاتارلىق مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە چىڭ قادىلىپ، تەۋەلىك ۋە ساھەلەرنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت بىلەن سوت مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت بىلەن تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى، سىياسىي كېڭەشنىڭ دېموكراتىك نازارەتچىلىكى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىياسىي قانۇن ساھەسىدىكى تۈرلۈك نازارەت قىلىش بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەرز قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت لەۋزىدە تۇرۇش، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىدىكى «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» بىلەن «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش»نىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي ھوقۇقنى تەڭشەشتىكى «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىشلار»نى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى قىيىنچىلىقلارنى پائال ھەل قىلىپ، ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش، باھالاشنى ياخشى قىلىپ، «تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇش، قوبۇل قىلالايدىغان بولۇش، ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش، نازارەت قىلىنىدىغان بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇنشۇناسلىق مائارىپى ئىتتىپاقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئەرزىيەت خىزمىتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت، خەۋپ - خەتەرنى بىخ ھالىتىدە ئالدىنى ئېلىش، مەنبەدىن تۈگىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەتنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
يىغىندا «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئەھۋالى ھەم ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەمۇرىي ھوقۇقنى تەڭشەش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
يىغىندا «مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ 3 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك رايون ۋە تۈرلەرگە نام بېرىش توغرىسىدىكى قارارى» ئوقۇپ ئۆتۈلدى، بورتالا شەھىرى مەملىكەت بويىچە قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر بولۇپ باھالاندى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نىزام چىقىرىشقا مەسلىھەت بېرىش مۇتەخەسسىسلىرى ۋەكىللىرىگە تەكلىپنامە تارقىتىپ بېرىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر قومۇل شەھىرىنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.
ۋاڭ گوخې، پەن شى، ئېزىز مۇسا يىغىنغا قاتناشتى.