ئەركىن تۇنىياز، چېن جېنلىن قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېتېئورولوگىيە ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چېن جېنلىن، قازاقىستان دۆلەتلىك سۇ رايى − مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دانارا ئالىنبايېۋا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئىلزايېۋ نۇرئەلى قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى (WMO) ئاسىيا ۋە غەربىي جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بېن چېرچىل سىنلىق سۆز قىلدى. سىرى لانكا مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاجىت ۋىجېماناگې، بېنگال مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇھەممەد رۇبايېت كابىر قاتناشتى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھاۋارايى سىستېمىسى جەھەتتە مەنبەداش، كىلىمات مەسىلىسى جەھەتتە مەنبەداش. تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېتېئورولوگىيە ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، شىنجاڭ «مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش - ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ھەم كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈرۈمچى تەشەببۇسى»نى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، رايوننىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. بىز بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېتېئورولوگىيە ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مېتېئورولوگىيەنى ۋاسىتە قىلىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مېتېئورولوگىيە كۈچى قوشىمىز.
چېن جېنلىن مۇنداق كۆرسەتتى: مېتېئورولوگىيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات خەۋپ - خەتىرىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىنىڭ رېئال ئېھتىياجى. جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مېتېئورولوگىيە پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالدىن سىگنال بېرىش لايىھەسى «مازۇ»غا تايىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
دانارا ئالىنبايېۋا، بېن چېرچىل، ئىلزايېۋ نۇرئەلى سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: مۇنبەر ئارقىلىق، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، دەسلەپكى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئىقتىدارىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن مېتېئورولوگىيە مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا، «جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بىلەن تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مۇھىت قوغداش كومىتېتى سۇ رايى - مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مېتېئورولوگىيە پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى»نىڭ ئىمزالانغانلىقى جاكارلاندى، «ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يۈزلەنگەن مېتېئورولوگىيە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئالدىن سىگنال بېرىش لايىھەسى <مازۇ>نى يولغا قويۇش ھەرىكەت پىلانى (2026 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە)» ئېلان قىلىندى، «مازۇ»نىڭ نېپال زاكاز قىلغان نۇسخىسى نەق مەيداندا تاپشۇرۇلدى.
جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، پاكىستان مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، سىرى لانكا مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، قازاقىستان دۆلەتلىك سۇ رايى - مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئورمان تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئاپپاراتلاردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن دوكلات بەردى. يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى دىققەتنى رايون كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى قاتارلىق باش تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى.
مۇقىيات جارمۇقامەت، دۇنيا مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى كاتىبات باشقارمىسى، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ھەم سىرى لانكا، بېنگال، پاكىستان، نېپال قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مېتېئورولوگىيە - سۇ رايى تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، 2026 - يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» مېتېئورولوگىيە زىيارەتچى ئالىملىرى ھەم جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاكادېمىيەسى ئورۇنلىرى، ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى مۇنبەرگە قاتناشتى.