ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-09-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قايتا ئۆگىنىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى قايتا ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، نۆللۈك خامچوت ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسى چارىسى (لايىھە)»قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، بايرام مەزگىلىدىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەملىكەتلىك مالىيەنى ئىلمىي باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۆللۈك خامچوت ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مالىيەنى ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مالىيە بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى مالىيە كۈچى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، خامچوت باشقۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادچىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خامچوتقا قاتتىق چەك قويۇشنى كۈچەيتىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنى قېلىپلاشتۇرۇپ بىرلىككە كەلتۈرۈش، فوندنى تەڭشەپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خامچوتنى باھالاشنى كۈچەيتىش، باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشى بويىچە، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەشنى قەدەمگە بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭ، شەھەر - يېزا داۋالىنىش كاپالىتى ساھەسىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسى چارىسى (لايىھە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار «قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، تۈزۈم كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تۇغۇت سۇغۇرتىسىنىڭ «تۈزۈم بىلەن تولۇق قاپلاش»تىن «كىشىلەر توپىنى تولۇق قاپلاش»قا قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»كە بىرلەشتۈرۈپ، قوشۇمچە پۇلنى تارقىتىش ۋاقتىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، ياخشى ئىشنى پۇختا قىلىشى، ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭچيۇ بايرىمىلىق، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسى يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بايراملىق ئىستېمالنى چوڭقۇر قېزىپ، ساياھەت تىجارەت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت بازىرىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈگۈن نۇقتىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى كۈچەيتىپ، پاك، مەدەنىي بايرام ئۆتكۈزۈش كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.