چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز خەلقئارا داڭلىق زاتلار شىنجاڭ دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

2026-09-09 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرى9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە خەلقئارا داڭلىق زاتلار شىنجاڭ دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، كۆپچىلىكنىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە دەۋر يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە بۇرچ - ۋەزىپە يۈكلەپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇملۇقى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن شىنجاڭ خىزمىتىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ھازىر شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى تىنچ - تەرتىپلىك، ئىناق - مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى، ھەرقايسى مىللەتلەر تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان ئىتتىپاقلىق گۈللىرى ھەممىلا جايدا پورەكلەپ ئېچىلدى، ئىقتىسادنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئۇرغۇغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان كۈچلۈك قۇۋۋەت سىجىل قوزغىتىلدى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئىناق، بەختلىك گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دەرۋازىسى باشتىن - ئاخىر دۇنياغا كەڭ ئېچىۋېتىلدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركۈم - تۈركۈم چەت ئەللىك زاتلار شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالقىشلىدى. كۆپچىلىكنىڭ دائىم شىنجاڭغا كېلىپ ئايلىنىپ، كۆرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلق ئاممىسىغا شىنجاڭنى ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ بۇ گۈزەل، بىپايان، قىزغىنلىققا تولغان تۇپراققا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئالەمشۇمۇل تارىخىي زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولۇشىنى، شىنجاڭنىڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە گۇۋاھ بولۇشىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان بەخت تەبەسسۇمىغا گۇۋاھ بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يېرمەكبايېف، تايلاند - جۇڭگو مەدەنىيەت - ئىقتىساد جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، تايلاندنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى پوچىن پېڭلاجۈن، بېنگال مىللەتپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئاسادۇجامەن لىپېڭ، ئىتالىيە «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى ۋىتو پېتروچېل، كانادانىڭ سابىق فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى خۇ زىشيۇ، بېلارۇسىيە دۆلەتلىك داشۆ خەلقئارا قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يەككە تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسى بويىچە سابىق ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئالېنا دۇخەن، ياپونىيەلىك دوست شياۋداۋ كاڭيۈ، جۇڭگو − ليۇكسېمبۇرگ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى جاك بوتۇزو، تۈركىيە جۇڭگو دوستلۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەرسىن ئەرچىن ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭ تەرەپنىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. كۆپچىلىك جۇڭگو شىنجاڭدا نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش جەريانىدىكى بىۋاسىتە تەسىراتلىرىنى ھەمبەھرىلىدى، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو شىنجاڭدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم ئىكەن، ئىقتىساد گۈللىنىپ تەرەققىي قىپتۇ، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋېتىپتۇ، بەزى چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا قاراتقان ساختا تەشۋىقاتىنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسى يوق، پاكىتقا خىلاپ بولۇپ، ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق خەلقئارا تەشكىلات ۋە تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى يەرلىك بىلەن شىنجاڭ ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتى، ئەشيا ئوبوروتى - سودا، مەدەنىيەت - ساياھەت، مائارىپ - داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايمىز. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىز، ھېس قىلغانلىرىمىزنى پائال بايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ليۇ شيەنفا، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، دۆلەت ئىچىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.