چېن شياۋجياڭ سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، خەلقئارا داڭلىق زاتلار شىنجاڭ دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، خەلقئارا داڭلىق زاتلار شىنجاڭ دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن دۇنيادىكى 33 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى ۋە خەلقئارا ئەھمىيىتى»نى باش تېما قىلىپ، رايونلارنى ئىدارە قىلىش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى ئورتاق پىلانلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان ھەر ساھەدىكى دوستلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنسىتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. بۈگۈنكى شىنجاڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، جۇڭگونىڭ دېموكراتىك قانۇنچىللىق ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ جانلىق دەلىلى، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىشىدىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تامامەن توغرا، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن. بۇ تەدبىرگە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى چوڭقۇر تەپەككۇرى، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش قانۇنىيىتىگە بولغان دەل جايىدا ئىگىلىشى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، ئومۇملۇق، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى مەنزىل ئاچقانلىقى، يېڭى يۈكسەكلىككە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ «تۇتقىسى» ۋە «جېنى»، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان داغدام يول. بىز پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرساقلا، چوقۇم شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلىشى، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. جۇڭگو شىنجاڭ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش تەجرىبە - ئۇسۇللىرىنى پائال ھەمبەھرىلەيدۇ. ھەرقايسى مېھمانلارنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلق ئاممىسىغا شىنجاڭنى ئوبيېكتىپ تونۇشتۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى، شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىيات، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق سىياسىيسى ۋە يەككە تەرەپلىك چەكلەشكە قارشى تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقا ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ليۇ شيەنفا سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشى دۇنيادىكى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى، جۇڭگو تەرەپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىدىكى جانلىق ئەمەلىيەت بولۇپ، دۇنياغا جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى. ھازىر شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلدە تۇرماقتا، خەلقئارادىكى ھەرقايسى دوستلارنىڭ بۇ قېتىم نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى، شىنجاڭنىڭ يېڭى قىياپىتى، شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى توغرىسىدا بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە بولغانلىقىغا ئىشىنىمەن. كۆپچىلىك ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئوبيېكتىپ، ئادىل تەشۋىق قىلىپ تونۇشتۇردى، ھەرقايسىڭلارنىڭ داۋاملىق تۈردە ھەقىقەتنى ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇپ، يالغان - ياۋىداق سۆز ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشنى تۈگىتىپ، ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى بىرلىكتە ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىسمى - جىسمىغا لايىق داڭقىنى چىقىرىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىكى ئېچىۋېتىش كۆۋرۈكىنى بىرلىكتە مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەل كارخانىلىرى، ئاپپاراتلىرى ۋە زاتلارنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان دوستلۇق گۈللىرىنى بىرلىكتە سۇغىرىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ، كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىك، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش يېپيېڭى مۇساپىسىگە ئورتاق قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يېرمەكبايېف، خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى لى شياڭشيەن، تايلاند - جۇڭگو مەدەنىيەت - ئىقتىساد جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، تايلاندنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭلىسى پوچىن پېڭلاجۈن، ئىتالىيە «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى ۋىتو پېتروچېل، بېلارۇسىيە دۆلەتلىك داشۆ خەلقئارا قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يەككە تەرەپلىك مەجبۇرلاش تەدبىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىش مەسىلىسى بويىچە سابىق ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئالېنا دۇخەن، ياپونىيەلىك دوست شياۋداۋ كاڭيۈ، جۇڭگو − ليۇكسېمبۇرگ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى جاك بوتۇزو، تۈركىيە جۇڭگو دوستلۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەرسىن ئەرچىن، مالايسىيا جۇڭگو دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى خۇاڭ جېنلۇڭ، شياڭگاڭ پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ شەرەپ بىلەن پېنسىيەگە چىققان ئامېرىكىلىق پىروفېسسورى شا بولى، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ ئامېرىكىلىق پىروفېسسورى مارك لىۋېن، خۇنەن سىفەن داشۆسىنىڭ گېرمانىيەلىك پىروفېسسورى ئولې، كانادانىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئوبزورچىسى دانېل دېمبرىل ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلدى.
كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك ھالدا: بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، سىغدۇرۇشچان ئاكتىپ قىياپىتى ۋە قەتئىي تۈردە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى روشەن پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى، بۇ، مۇقەررەر ھالدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق يارىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىدى. كۆپچىلىك شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغاندا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى ھەمبەھرىلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى، كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى، ئۇلار: شىنجاڭ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، زوراۋانلىققا، تېررورىزمغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى قىممەتلىك يېڭى ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى، دەپ قارىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ياشاش ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى ئەڭ مۇھىم ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق قىلىپ، شىنجاڭدىكى تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپتۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق مۇقىم ھەم ئىززەت - ھۆرمەتكە ئىگە تۇرمۇش كەچۈرۈۋېتىپتۇ. جۇڭگو شىنجاڭدا ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ۋە «ئىرقىي يوقىتىش» مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن، خەلقئارا جەمئىيەت شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە توغرا قاراپ، شىنجاڭغا قارىتىلغان قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىش ۋە پىتنە - ئىغۋا توقۇپ بوھتان چاپلاشقا قارشى تۇرۇشى، يەككە تەرەپلىك چەكلەش ۋە ئۇزۇن قوللۇق قىلىپ باشقۇرۇشقا قارشى تۇرۇشى كېرەك. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇھىم تەرەققىيات ئېگىزلىكى ۋە ئېچىۋېتىش تۈگۈنىگە ئايلىنىپتۇ، رولىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ھالدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز.
شۇ كۈنى، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار يەنە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش» «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئورتاق تەرەققىيات» «جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش» «يەككە تەرەپلىك چەكلەش ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇش»نى چۆرىدەپ، تۆت مەيدان مەخسۇس تېمىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، دۆلەت ئىچىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.