شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا چۈشەندۈرۈش ۋە ئۆگىنىش ئېلىپ باردى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى بىلەن دۆلەت سىياسىتىنىڭ بىرىكىش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي، كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىشنى تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يىڭچۇن يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىكى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى ھەمدە يېزا ئىگىلىكى، يېزا خىزمىتى، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئىستېمالنى كېڭەيتىش، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ماس تەرەققىيات، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ سىياسەت چۈشەندۈرۈلدى، سىياسەتنى ئىجرا قىلىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشى ئۆستۈرۈلۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېخىمۇ ياخشى تۇتۇلدى.
ئەركىن تۇنىياز مەخسۇس تېمىدىكى چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ تۈزۈلگەن يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە. سىياسەتنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مەقسەتنى ئىگىلەپ، سىياسەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھازىر يىل ئاخىرىدىكى نىشان - ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئاتاكىغا ئۆتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار نۇقتىلىق ساھەلەردىكى سېلىنمىنى چىڭ كۆزلەپ، «ئىككى مۇھىم» «ئىككىنى يېڭىلاش» قاتارلىق دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بىر قاتار سىياسەتلىرىنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ۋىلايەت - ئوبلاست، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانا ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ھۆددە ئېلىپ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاخىرغىچە تۇتۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. قاتناش، سۇچىلىق، شەھەر يېڭىلاش، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + ياسىمىچىلىق» قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم زور تىرەكلىك ۋە تۈرتكىلىك رولغا ئىگە تۈرلەرنى پىلانلاپ، زاپاس ساقلاپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىستېمالنىڭ جانلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئاپتوموبىل، تۇرالغۇ قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىستېمال تۈگۈن نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئالاھىدىلىكى روشەن، قاتنىشىشچانلىقى كۈچلۈك بىر تۈركۈم «مەدەنىيەت - ساياھەت +» پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار ئۆز كەسىپ ساھەسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى، ساقلانغان كەمتۈكلۈك - مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، بىرىنچى سەپكە ۋاقتىدا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ئىجرا قىلىش كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسى پارتىيەنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. مەركەزنىڭ كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى پۇختا، ياخشى تۇتۇپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت، ئىقتىسادىي تەپتىش، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋاقتىدا دەل جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.