​بازارنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2026-09-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى

بازارنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، خەلق ئۈچۈن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداپ، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، خەلق تۇرمۇشى ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 12315 ئەرز قىلىش، پاش قىلىش قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، مەركەزنىڭ قۇرۇلۇش، باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، ئىستېمالچىلار ۋە كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزىگە بېرىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھەمكارلىشىپ قوغداش، مۇلازىمەت كاپالىتى، ھوقۇقنى قوغداشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى؛ ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى رېۋىزىيە ئىدارىسىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۆلىمى، سانى ھەم بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

سۆھبەتتە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى باشقارما، ئىشخانا ۋە 2 - دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سۈپەت ئاساس تىرىكىنى كۈچلۈك بەرپا قىلىپ، سۈپەت ئارقىلىق كارخانىنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش، ناھىيەنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مىقدار، ئۆلچەم، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش، ئىسپات بېرىش - ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى سۈپەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، مەھسۇلات، قۇرۇلۇش ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ سۈپەت رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ماركىلارنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە بازارلاشقان كەسپىي مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تېز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى ھەقىقىي پۇختىلاپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى پۈتۈن زەنجىرىدىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ھەرقايسى ھالقىلارنى ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەردىكى دائىملىق خەۋپ - خەتەرنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئىناۋەت بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئۆتۈشمە شەكىللىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «ساۋما قىلىپ كارخانىلارغا كىرىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئادىل رىقابەت بويىچە تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازار تەرتىپىنى تېخىمۇ ياخشى قېلىپلاشتۇرۇش، بازار يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.

قادېن كەبىن، جۇ لىفەن پائالىيەتكە قاتناشتى.